ھاگاي 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 «شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋاغا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلققە سۆزۈمنى يەتكۈزگىن. Gade chapit la |
يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى ۋە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش مەقسىتىدە ياسىدى.
شۇنىڭ بىلەن شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورققانىدى.