Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھاگاي 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئۇ چاغدىكى ئەھۋالىڭلار قانداق ئىدى؟ ئۇ چاغدا كىشىلەر خامىنىدىكى ئاشلىقنىڭ يىگىرمە تاغار چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن پەقەت ئون تاغارلا چىقاتتى. بىر كۈپ شارابنىڭ ئەللىك كومزەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن يىگىرمە كومزەكلا چىقاتتى.

Gade chapit la Kopi




ھاگاي 2:16
9 Referans Kwoze  

سىلەر كۆپ تېرىيسىلەر، لېكىن ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر. يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا چاڭقاپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن ئىسسىمايسىلەر. ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سېلىنغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.


ئون مو ئۈزۈمزارلىقتىن ئاران بىر كۈپلا شاراب چىقىدۇ، ئون تاغار ئۇرۇقتىن ئاران بىر تاغارلا ئاشلىق چىقىدۇ.»


شاد-خۇراملىق موئابنىڭ مۇنبەت زېمىنىدىن يوقىلىدۇ. مەن ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىن ئېقىۋاتقان ئۈزۈم شەربىتىنى توختىتىمەن. ھېچكىم ئۇ يەردە ئۈزۈملىرىنى يانجىپ، خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىمايدۇ. بۇ يەردە ۋارقىراشلار بولىدۇ، لېكىن بۇ خۇشاللىقتىن ئەمەستۇر.


سىلەر ھازىردىن باشلاپ ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلىنى قويۇشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار!


مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ چاغدا زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتتۇم، سېسىتىتىم ۋە مۆلدۈر ياغدۇردۇم. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite