ھاگاي 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 سىلەر كۆپ تېرىيسىلەر، لېكىن ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر. يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا چاڭقاپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن ئىسسىمايسىلەر. ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سېلىنغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ. Gade chapit la |
شۇ سەۋەبتىن يامغۇر ياغماي، قۇرغاقچىلىق بولۇپ يېرىڭلار ھوسۇل بەرمىدى. مەن ئېتىز ۋە ئېدىرلىقلىرىڭلاردا قۇرغاقچىلىق بولۇشقا ئەمر قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلەرگە، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا، يەنى يەردىن چىقىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە، شۇنداقلا ئادەم ۋە چارۋا ماللارغىمۇ زىيان يەتتى. ئەمگىكىڭلارمۇ بىكارغا كەتتى.»