ئۇ چاغدا ھاگاي پەيغەمبەر ھەم ئىددونىڭ ئەۋلادى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا يار بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدە تۇرىدىغان يەھۇدىيلارغا خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغانىدى.