Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ھاگاي 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىدى، دەپ يۈرىدۇ».

Gade chapit la Kopi




ھاگاي 1:2
14 Referans Kwoze  

رىخۇم، پۈتۈكچى شىمشاي ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەۋاتقان ئەمەلدارلار پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلاپ، دەرھال يېرۇسالېمغا بېرىپ، قورال كۈچى بىلەن يەھۇدىيلارنى ئىش توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.


لېكىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا: «ئىشلەۋاتقانلار بارغانسېرى ھالىدىن كېتىۋاتىدۇ. خارابىلىك شۇ پېتى تۇرۇۋاتىدۇ، بىز سېپىلنى قانداقمۇ پۈتتۈرەرمىز؟» دېگەن گەپ تارقالدى.


ھاۋا رايىغا قارىساڭ، يەرگە مەڭگۈ ئۇرۇق چاچالمايسەن. بۇلۇتلارغا قارىساڭ، مەڭگۈ ھوسۇل يىغالمايسەن.


قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.


لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغان كىشىلەر: _ بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمايمىز، ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك، _ دېيىشتى.


بەندىدىن قورقۇش ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگەن ئادەم ئامان قالۇر.


ھۇرۇن شۇنداق دەر:«شىر بار تالادا، يەم بولىمەن چىقسام كوچىغا».


پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ۋە يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋاغا ۋەھىي كەلدى.


پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە يەنە بىر ۋەھىي كەلدى:


شۇڭا پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادا ۋە باشقا روھانىيلارنى چاقىرتىپ: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاتمايسىلەر؟ ئەمدى سىلەر ھەدىيە قىلغۇچىلارنىڭ پۇللىرىنى ئالماڭلار، ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىش ئۈچۈن توپلانغان پۇللارنى تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى.


ئۆلتۈرۈشنىڭ ۋە ساقايتىشنىڭ ۋاقتى بار، بۇزۇشنىڭ ۋە ياساشنىڭمۇ ۋاقتى بار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite