6 توختىغاندا ئۇ، كېلەر لەرزىگە جاھان. نەزەر سالغىنىدا، تىترىشەر ئەللەر ھامان. بولسىمۇ قەدىمىي تاغلار كۇكۇم-تالقان، تۈزلىنىپ كەتسىمۇ ئەبەدىي داۋان، ئۆزگەرمەس ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھامان.
ئاتاڭ خۇدادىن ئېرىشكەن بۇ بەخت، قەدىمكى تاغ چوققىلىرىدىنمۇ، ئېدىرلىقلاردىكى بايلىقلاردىنمۇ بۈيۈكتۇر. مانا بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ شەرەپلىكىگە قونار.
ئۇ كەلگەندە تاغلار تەۋرەيدۇ، ئېدىرلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا يەر-زېمىن ۋە پۈتكۈل ئىنسانلار تىترەپ تۇرىدۇ.
قەدىمىي تاغلاردىن، مەڭگۈلۈك ئېدىرلىقلاردىن ئالغان ھوسۇللىرى ئەڭ ئېسىل بولسۇن.
ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.
مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.
ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
تەۋرەندى تاغلار كۆرگەندە سېنى. كەلكۈن كېلىپ، سۇلار ئۆركەشلەپ، يەتتى پەلەككە شاۋقۇنلىرى.
ياقۇپنىڭ ئامان قالغان ئەۋلادلىرى ئەللەر ئارىسىغا، يەنى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىغا، خۇددى ئورماندا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى شىردەك، قويلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرگەن ياش شىردەك بۆسۈپ كىرىپ، ئولجىلىرىنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايدۇ. ھېچكىم ئولجىلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.
چۈنكى كىيىمنى كۈيە، يۇڭنى قۇرت يېگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلۈم يەپ تۆگىتىدۇ. لېكىن مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ نىجاتلىقىم ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.»
سىلەر ئاسمانغا قاراپ بېقىڭلار، ئېڭىشىپ زېمىنغا قاراپ بېقىڭلار. ئاسمان خۇددى تۈتۈندەك ئىز-دېرەكسىز يوقىلىدۇ، زېمىن خۇددى كىيىمدەك كونىراپ تۈگەيدۇ. زېمىندىكى ئادەملەرمۇ خۇددى چىۋىندەك ئۆلۈپ كېتىدۇ. لېكىن مەن بېرىدىغان نىجاتلىق مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ.
ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارغا، ھەم ئۇنىڭ ئەھدىسىگە سادىق بولغانلارغا، ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، ئۇ كۆرسىتەر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئاداققىچە، ھەققانىيىتى داۋام ئېتەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.
تاغلار بەرپا قىلىنماستىنلا، زېمىن ۋە ئالەم يارىتىلماستىنلا، ئۆزۈڭ خۇدا ئىدىڭ ئەزەلدىنلا، مەڭگۈگە خۇدادۇرسەن يەنىلا.
ئەي ھاكاۋۇر باشان تېغى، نېچۈن شۇنچە ھەسەت بىلەن قارايسەن، خۇدا ماكان قىلىپ تاللىغان سىئون تېغىغا _ خۇدا مەڭگۈ ماكان تۇتقان تۇرسا ئۇنىڭدا؟
تاغلار سىلكىندى سىناي تېغىدىكى پەرۋەردىگار كەلگەندە، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا.
يوشۇۋا بۇ بىر قېتىملىق يۈرۈشىدە ئۇ يەرلەردىكى پادىشاھلارنى بويسۇندۇرۇپ، بارلىق زېمىننى ئىگىلىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى.
ئۇلۇغ خۇدا ئەللەرگە بەرگەندە زېمىنلارنى، ئايرىغاندا ئىنسانلارنى، ئىسرائىللارنىڭ سانى بويىچە بەلگىلىدى ئەللەرنىڭ چېگرالىرىنى.
ئەگەر ئۆكۈز باشقىلارنىڭ ئوغلى ياكى قىزىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسۇن.
باشلاپ كېلىپ ئۇلارنى ئۆز تېغىڭغا، ئۇ يەردە ئۇلارنى كۆچەت قىلىپ يېتىشتۈرگەيسەن. سەن پەرۋەردىگار تاللىغان ماكاندۇر ئۇ، مۇقەددەس تۇرالغۇڭنى ئۇ يەردە سالغايسەن.
ئۇلار قاچان شامالدا قالغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن توپاندەك بولۇپ باققان؟
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى يىراق قوغلىۋەتكەي، ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي.
ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بارسەن، مەڭگۈ يوقالمايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالاش ئۈچۈن بابىللىقلارنى تاللىدىڭمۇ؟ ئەي پاناھگاھىمىز، بىزنى جازالاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بەردىڭمۇ؟
بۇلارنى ئاڭلىسا تىتىرەك باسار جىمى ئالەمنى، ۋەھىمە باسار فىلىستىيە خەلقىنى.
ئىدومنىڭ ئەمىرلىرى قورقۇشۇپ كېتەر، موئابنىڭ باتۇرلىرىنى ھەم تىترەك باسار. كەنئانلىقلارمۇ ۋەھىمىگە چۈشەر،
پۈتۈن سىناي تېغىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغانىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەرگە ئوت ئىچىدە چۈشكەنىدى. بۇ ئىس-تۈتەك خۇددى خۇمداندىن چىققان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى. پۈتۈن تاغ تۇيۇقسىز سىلكىندى.
ئۇ تۇيدۇرماي تاغلارنى يۆتكىۋېتەلەيدۇ، غەزەپلەنگەندە تاغلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدۇ.
مومدەك ئېرىپ كېتەر بۈيۈك تاغلار ھەتتا، ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى پەرۋەردىگار ئالدىدا.
پەرۋەردىگار يەرگە باقسا زېمىن تىترەر، تاغقا تەگسە ئوتلار يېنىپ، تۈتۈن چىقار.