12 زېمىنغا قەدەم تاشلىدىڭ غەزىپىڭدە، ئېزىپ تاشلىدىڭ ئەللەرنى قەھرىڭدە.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن ئۆتمەي بابىلدا ھوسۇل يىغىش باشلىنىدۇ، بابىل خەلقى خامانغا ئوخشاش دەسسەپ يانجىلىدۇ.»
ئۇ قانان زېمىنىدىكى يەتتە مىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە زېمىنلىققا بەردى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەمەشق خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! تۆمۈر چىشلىق تۇلۇق بىلەن خامان ئەزگەندەك، ئۇلار گىلئادتىكى خەلقىمنى يانجىپ ئەزدى.
قاراڭلار، مەن سىلەرنى خامان يانجىيدىغان چىشلىق سايمانغا ئايلاندۇرىمەن، سىلەر تاغلارنى يانجىپ ئېزىۋېتىسىلەر، چوققىلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىسىلەر، ئېدىرلىقلارنى يانجىپ، ساماندەك قىلىۋېتىسىلەر.
خۇدا قوغلىۋېتىپ ئۇ يەردىن يات ئەللەرنى، ئىسرائىللارغا بۆلۈپ بەردى يەرلىرىنى. ئىسرائىل قەبىلىسىگە ئېلىپ بەردى ئۆيلىرىنى.
ئى سىناي تېغىدا سۆزلىگەن خۇدا، ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، زېمىن تىترەپ، يامغۇر تۆكتى ئاسمان باغرىدىن، ئۆز قوۋمىڭنى چۆللەر ئارا باشلاپ ماڭغىنىڭدا.
شۈبھىسىزكى، بىز ھالاك بولىمىز غەزىپىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمىز قەھرىڭدىن.
ئى پەرۋەردىگار، تۇرار ئىگەم سېنىڭ ئوڭ تەرىپىڭدە، پادىشاھلارنى بىتچىت قىلار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە.
مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى.