11 چاقنىشىدا ئۇچۇۋاتقان ئوقلىرىڭنىڭ، جۇلاسىدا پارقىراق نەيزەڭنىڭ، توختاپ قالدى كۈن بىلەن ئاي ئەرشتە.
«قارا، پېتىۋاتقان قۇياش ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە سايىسىنى تاشلاپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ سايىنى ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلۈشكە بۇيرۇيمەن.» شۇنىڭ بىلەن سايە ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلدى.
پەرۋەردىگار ئىلگىرى پىرئازىم تېغىدا ئۇرۇش قىلغاندەك ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇ گىبئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگەندەك غەزەپكە كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىغا يات بىر ئىشنى قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئىشىنى قىلىپ، ئۇنى تاماملايدۇ.
تىۋىشلىرى يېيىلىپ كەتكەن تامام يەر يۈزىگە، خەۋىرى يېتىپ بارغاندۇر جاھاننىڭ چەتلىرىگە. قۇياش ئۈچۈن بىر چېدىر تىككەندۇر خۇدا ئاسمانغا،
ئۇ مېنىڭ تىلىمنى خۇددى قىلىچتەك ئۆتكۈر قىلدى، ئۇ قولىنىڭ سايىسىدا مېنى قوغدىدى، ئۇ مېنى خۇددى ئوقيادەك ئۇچلۇق قىلدى، ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ئوقدانىدا ساقلىدى.
ئاتلىق لەشكەرلەر ئالدىغا قاراپ ئېتىلىدۇ. قىلىچلار چاقنايدۇ، نەيزىلەر يالتىراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ. سان-ساناقسىز جەسەتلەر دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ. ئادەملەر جەسەتلەرگە پۇتلىشىپ تۇرىدۇ.
تۇرار ئوقيايىڭ جەڭگە تەييار، تۇرار ئوقداندا لىق ئوقلار. سېلاھ ئايرىدىڭ تاشقىن بىلەن يەر يۈزىنى،
پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئوقلىرى خۇددى چاقماقتەك ئۇچىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار بۇرغا چېلىپ، جەنۇبتىن چىققان بورانلار ئارىسىدا كېلىدۇ.