9 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ناھەق يول بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆيىنى مال-دۇنياغا تولدۇرغانلار! زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇۋىسىنى ئېگىز يەرگە قۇرغانلار!
سەن باشقا ئادەملەرنى قورقۇتقانىدىڭ، بۇ تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدىدى. سەن تاغ چوققىسىدىكى تىك قىيادا تۇرۇپ، ئۇۋاڭنى بۈركۈتكە ئوخشاش ئېگىزگە ياسىساڭمۇ، مەن سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.
بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ.
لېكىن سەن بۈركۈتتىن ئېگىز ئۇچۇپ، يۇلتۇزلار ئارىسىغا ئۇۋا سالساڭمۇ، مەن يەنىلا سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.
سىلەر مۇنداق دەيسىلەر: «بىز ئۆلۈم بىلەن كېلىشىم تۈزدۇق، بىز گۆر بىلەن توختاملاشتۇق. دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلگەندە، بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ. بىز يالغانچىلىق بىلەن قوغدىنىمىز، بىز چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنى يوشۇرىمىز.»
«قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.»
گەر نام قىلىپ بەرسىمۇ ئىسىملىرىنى يەرلىرىگە، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ئۆيلىرى بولۇپ قالار مەڭگۈگە. تۇرالغۇسىدۇر شۇ قەبرىلەر دەۋردىن-دەۋرگىچە.
ئۆيى تۇرۇپ يەنە ئۆي قوشۇۋالغانلار، قورۇقىغا يەنە قورۇق قېتىۋالغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ زېمىندا باشقىلارغا جاي قالدۇرمىدىڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلار يالغۇز ياشايسىلەر.
ئەي بابىل، سەن نۇرغۇن دەريالارنىڭ بويىدا مول بايلىقلار ئىچىدە ياشىغانىدىڭ. ئەمدى سەن تۈگەشتىڭ، ھاياتىڭنىڭ يىپى ئۈزۈلدى!
سەندىكى يېتەكچىلەر ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بۆرىلەردەك ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قان تۆكۈپ، ھارامدىن بايلىق توپلىدى.
ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۇخۇمدىن تۆرەلگەن كەكلىك ئۇچۇپ كەتكەندەك، كىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن توپلىغان مال-دۇنيالىرى يوقىلىپ كېتىدۇ. ھايات مەزگىلىدە ئۇ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.»
ھازىر پادىشاھىڭلار لىۋاندىن ئەكەلگەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىسىدا ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ پات ئارىدا جازالىنىدۇ، ئۇ خۇددى تولغاق يەۋاتقان ئايالدەك ئىڭرايدۇ.»
مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.»