Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




خاباقۇق 1:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇلار قورقۇنچلۇق، ۋەھشىي خەلقتۇر. ئۇلار ئىنتايىن ھاكاۋۇر بولۇپ، قانداق خالىسا، شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




خاباقۇق 1:7
11 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا، بويلىرى ئېگىز ۋە تېرىلىرى سىلىق بولغان قوۋملاردىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا تارتۇقلار قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يىراق-يېقىندىكىلەرنى قورقۇتقان قوۋملاردۇر، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى قوۋملاردۇر. ئۇلارنىڭ زېمىنى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا تاللىغان جايغا، يەنى سىئون تېغىغا تارتۇقلارنى ئەكېلىدۇ.


ئەگەر سەن بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئاندىن كېلىپ بىزگە يەتكۈزسەڭ، بىز ئاڭلايمىز، ئىتائەت قىلىمىز.»


ئوغرىلىق قىلماڭلار.


ئۇلار قومۇشتا ياسالغان كېمىلەر بىلەن دەريا ئارقىلىق ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ. ئەي يەلتاپان خەۋەرچىلەر، زېمىنلىرى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان، تېرىلىرى سىلىق، بويلىرى ئېگىز بولغان ئەلگە بېرىڭلار. يېقىن-يىراقتىكىلەرنى قورقۇتقان ئەلگە، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى ئەلگە بېرىڭلار.


پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى چۈشلىرىدە ئالدىلىرىدا يالتىراپ، چاقناپ تۇرغان ناھايىتى چوڭ بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەلنىڭ تۇرقى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ،


بۇ ئادەم دۇنيانى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغان، شەھەرلەرنى خاراب قىلىۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ئەسىرلەرنى قاماپ قويۇپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرمىغان كىشى شۇ ئەمەسمۇ؟»


ئەمدى بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالغىن: سەن: ‹تەختىم مەڭگۈ مۇستەھكەم تۇرىدۇ› دەپ ئويلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتتىڭ. سەن ئۆزۈڭچە: ‹مەندىن باشقا مەلىكە يوق، مەن تۇل قالمايمەن، بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىنى تارتمايمەن› دەپ ئويلايسەن.


خۇشال ياشاۋاتقان بۇ شەھەر: «مەن بۈيۈكتۇرمەن، تەڭدىشىم يوقتۇر» دەپ ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ. بىراق ئۇ قاقاسلىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر قوللىرىنى شىلتىشىپ، مەسخىرە قىلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite