10 ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە، ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى كۆرۈپ، كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ.
بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ يىھوياقىمنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن.
ئۇ يەردە سېنى كۆرگەنلەر ساڭا تىكىلىپ قارايدۇ ۋە ساڭا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، يەر يۈزىنى تەۋرەتكەن ۋە پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟
شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بىرگە بابىلغا ئەكەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، خەلقىم دۈشمەننىڭ ئۆز سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ قىلماقچى بولغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ شەھەردىكى ئۆيلەرنى، ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىنىمۇ بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ياغاچ، تاشلىرىنى ئېلىپ، سېپىل تاملىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن ئانىسى، مەسلىھەتچىلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىل پادىشاھىغا تەسلىم بولدى. بابىل پادىشاھى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. بۇ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سەككىزىنچى يىلى ئىدى.
بىز كالنو شەھىرىنى خۇددى كاركىمىش شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز خامات شەھىرىنى خۇددى ئارپاد شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز يەنە سامارىيە شەھىرىنى خۇددى دەمەشق شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟!
خامات، ئارپاد، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلار قانداق بولدى؟»
ساڭا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن، قەھرىمنى چاچىمەن. مەن سېنى قانخورلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇلارنىڭ ماھىرلىرى سېنى ئۆلتۈرىدۇ.
ئۇ سېنىڭ قۇرۇقلۇققا جايلاشقان يېزىلىرىڭدىكى ئادەملىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ. ئاندىن سېنىڭ ئەتراپىڭغا قامال ئىنشائاتلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلىڭنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلەيدۇ ۋە قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى ئەمەلدارلارنى، خان جەمەتىدىكىلەرنى ۋە يات خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بېرىلگەنلەرنى جازالايمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىنچلىق سادالىرى ئەمەس، بەلكى ئالاقزادىلىك، قورقۇنچ قاپلىغان كىشىلەرنىڭ يىغا-زارى ئاڭلىنىدۇ.