5 ئادەم ئۆلتۈرۈپ قان تۆكسەڭلار، چوقۇم ھېساب ئالىمەن. ھەرقانداق بىر ھايۋان ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىنمۇ ھېساب ئالىمەن. ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەردىن چوقۇم ھېساب ئالىمەن.
كىمدەكىم بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى، ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى.
شۇنداق قىلىپ، بىگۇناھ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ تاكى بەرەكيانىڭ ئوغلى روھانىي زەكەرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان ھەممە بىگۇناھلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان قان قەرزلىرىگە جاۋاب بېرىسىلەر.
باشقىلارغا تۆھمەت قىلماڭلار. باشقىلار ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ھاياتىغا زامىن بولماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
قاتىللىق قىلماڭلار.
ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.
رۇبېن ئۇلارغا: _ مەن سىلەرگە: «بۇ بالىغا تەگمەيلى» دېسەم، ئاڭلىمىغانىدىڭلار. ئەمدى ئۇنىڭ قان قىساسىنى تۆلەيدىغان بولدۇق! _ دېدى.
شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆز ئاتىسىغا قىلغان يامانلىقلىرىنى، يەنى 70 قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگىنىنى ئۆزىگە قايتۇردى.
شۇنداق ئىكەن، گۇناھسىز بىر ئادەمنى ئۆيىدە، ياتقان يېرىدە قەتل قىلغان رەزىل ئادەملەرگە قانداقمۇ مۇكاپات بېرەي؟ ئۇنىڭ قان قەرزىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلمايمەنمۇ؟ _ دېدى.
پادىشاھ يوئاش زىكىرىيانىڭ ئاتىسى يىھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردى. زىكىرىيا جان ئۈزىدىغان ۋاقتىدا: «پەرۋەردىگار قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ، جازايىڭلارنى بەرسۇن» دېدى.
قاتىللار چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن، لېكىن ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەر جانغا جان قايتۇرسۇن.
ئەگەر بىر ئادەم تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.
ئەگەر بىر ئادەم تاش بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.
ئەگەر بىر ئادەم ياغاچ ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.
ياكى ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. قىساس ئالغۇچى ئۇنداقلارنى تاپقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن.
ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، پايلاپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئاندىن پاناھلىنىدىغان شەھەرگە قېچىپ بېرىۋالسا،
ئەسلىدىكى قاتىل تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ، قىساسكارنىڭ قولىغا تاپشۇرسۇن ۋە قاتىل ئۆلتۈرۈلسۇن.
ئۇنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. ئۇنىڭ قېرى كاللىسىنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۆلۈكلەر ماكانىغا يول ئېلىشىغا ئىجازەت بەرمىگىن.
پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پادىشاھ جەمەتىدىكى بارلىق ئوغۇللارنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى.
ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.
لېكىن خەلق پادىشاھ ئامونغا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى يوشىيانى ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.