Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 9:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 لېكىن سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 9:4
15 Referans Kwoze  

لېكىن قاننى يېمەڭلار. چۈنكى ھاياتلىق قاندىدۇر. ھاياتلىقنى گۆش بىلەن بىرگە يېسەڭلار بولمايدۇ.


لېكىن قېنىنى يېمەڭلار، قېنىنى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.


لېكىن قاننى يېمەڭلار، قاننى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.


پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار!» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى.


مەيلى سىلەر نەدە بولماڭلار، قۇشنىڭ ۋە ھايۋاننىڭ قېنىنى يېمەڭلار.


زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار. قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!»


ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.


خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەس، ئۇلارنى شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ.


قانسىرىمىغان گۆشنى يېمەڭلار. پال سالغۇزماڭلار ۋە ئەپسۇنمۇ ئوقۇتماڭلار.


شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن بىرنەچچە كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى قەدىردان دوستلىرىمىز بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق.


ئۆلۈك ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى شەھەردە سىلەر بىلەن بىرگە ياشايدىغان يات خەلقلەرگە بەرسەڭلار ياكى ساتساڭلار بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپ، پاك خەلقسىلەر. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.


شۇڭا ئۇلار ئولجىلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە سويۇپ، قېنىنى ئېقىتماي گۆشىنى يېدى.


لېكىن سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر قېنى بار گۆش يەيسىلەر، بۇتقا چوقۇنىسىلەر، ئادەم ئۆلتۈرىسىلەر، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite