Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 9:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يەر يۈزىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلار، قۇشلار ۋە دېڭىزدىكى بېلىقلار سىلەردىن قورقۇپ، سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردا بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 9:2
16 Referans Kwoze  

ئىنسانلار ياۋايى ھايۋاناتلار، ئۇچارقاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ۋە سۇ مەخلۇقاتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئاللىبۇرۇن تىزگىنلىدى.


خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار.


مەن ئۇ كۈن كەلگەندە ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلار ساڭا چېقىلمايدۇ. زېمىندىكى ئوقيا، قىلىچلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۇرۇشلارنى يوقىتىمەن، سەن تىنچ، بىخەتەر ياشايسەن.


مەن ئۇلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، بۇ زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يوقىتىمەن. شۇندىلا ئۇلار دالالاردا بىخەتەر ياشايدۇ، ئورمانلاردا تىنچ-ئامان ئۇخلايدۇ.


مەن زېمىنىڭلاردا تىنچلىق بەرپا قىلىمەن، خاتىرجەم ئۇخلايسىلەر، ھېچكىم سىلەرنى قورقۇتمايدۇ. مەن زېمىنىڭلاردىكى رەزىل ھايۋانلارنى يوق قىلىمەن. زېمىنىڭلاردا ئۇرۇش بولمايدۇ.


ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يولغا چىققان ۋاقتىدا، خۇدا ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى.


پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ھەر خىل ھايۋان ۋە قۇشلارنى ياراتقان بولۇپ، ئادەم ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، ئۇلار شۇنداق ئاتالسۇن دەپ، ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.


ئاراڭلارغا يىرتقۇچ ھايۋانلارنى قويۇۋېتىمەن. ئۇلار پەرزەنتىڭلارنى ھالاك قىلىدۇ، چارۋا مېلىڭلارنى قىرغىن قىلىدۇ. سانىڭلار ئازلاپ، كوچىلار چۆلدەرەپ قالىدۇ.


ئاندىن ئۇ سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچار قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.


خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنياغا تارالسۇن.


بۇرۇن سىلەرگە ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلىپ بەرگەنىدىم، ئەمدى سىلەرگە ھايۋاناتلارنىمۇ ئوزۇق قىلىپ بېرىمەن.


ئاندىن خۇدا: «ئۆزىمىزنىڭ شەكلىدە، ئۆزىمىزگە ئوخشايدىغان ئىنسان يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانلىقلارنى، يەنى دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى باشقۇرسۇن!» دېدى.


ئۇنىڭ كۈچىگە تايىنالامسەن؟ ئېغىر ئىشلىرىڭنى ئۇنىڭغا قىلدۇرالامسەن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite