Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 9:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ھەسەن-ھۈسەننىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولۇشى مېنىڭ سىلەر ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنى ئېسىمگە سالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 9:16
14 Referans Kwoze  

مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايمەن. قەلبلىرىنى ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىك بىلەن تولدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرگىز مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ.


مېنىڭ جەمەتىم خۇدا ئالدىدا ئەنە شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن خۇدا مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟ بۇ ئەھدە تولۇق رەتلەنگەن بولۇپ، ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ مېنى ئازاد قىلار، ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يەتكۈزەر.


لېكىن خۇدا مۇنداق دېدى: _ ياق، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.


ھەممە ئەرلەر خەتنە قىلىنسۇن. سىلەرنىڭ تېنىڭلاردىكى بەلگە ئارىمىزدا تۈزۈلگەن مەڭگۈلۈك ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسىدۇر.


ئامانلىق بەرگۈچى، يەنى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى ئارقىلىق قوي پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا،


مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن.


گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، يېنىمغا كېلىڭلار، ئاڭلاڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئىگە بولىسىلەر. مەن سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن، مەن داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى سىلەرگىمۇ ئاتا قىلىمەن.


ھەسەن-ھۈسەن مېنىڭ بارلىق جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسىدۇر.


مەن ئۇلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىمەن ۋە تېغىمنىڭ تۆت ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلىمەن. ئۇلارغا پەسىل يامغۇرى ياغدۇرۇپ، بەخت ئاتا قىلىمەن.


مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، ئۇلارنى روناق تاپقۇزىمەن ۋە سانىنى كۆپەيتىمەن. مېنىڭ ئىبادەتخانام مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite