10 ھەمدە يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋاناتلار، يەنى سىلەر بىلەن بىرگە كېمىدىن چىققان ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن.
مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان 120 مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى.
پەرۋەردىگار ھەممىگە ئىلتىپات قىلار، بارلىق يارتقانلىرىغا رەھىمدىل بولار.
لېكىن خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق جانلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى.
_ مەن ئەمدى سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلار،
سىلەرگە ۋەدە بېرىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل جانلىقلار توپان بالاسى بىلەن قايتا يوقىتىلمايدۇ، يەر يۈزىنى خاراب قىلىدىغان توپان بالاسى ئىككىنچى يۈز بەرمەيدۇ.
يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار، يەنى چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ئۆز تۈرلىرى بىلەن توپ-توپ بولۇشۇپ كېمىدىن چىقىشتى.
سېنى ئەمرىمگە ئالىمەن ۋە ساڭا ۋاپادار بولىمەن. شۇندىلا سەن مەن پەرۋەردىگارنى تونۇيسەن.