Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 9:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنياغا تارالسۇن.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 9:1
13 Referans Kwoze  

سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنيانى قاپلىسۇن.


خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار.


كېمىدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچار قاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ئېلىپ چىققىن. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، _ دېدى.


خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچار قاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى.


ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار. مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم.


ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي رىبەقا، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەنلەرنىڭ بولغايسەن ئانىسى، ئەۋلادلىرىڭ ئىگىلىگەي دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى!»


يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىندىكى قەبىلىلەر بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر. توپان بالاسىدىن كېيىنكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەللەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارقالغاندۇر.


خۇدا يەتتىنچى كۈننى مۇبارەكلەپ، «مۇقەددەس كۈن» دەپ بېكىتتى، چۈنكى بۇ كۈنى ئۇ يارىتىشنى تاماملاپ بولۇپ، ئارام ئالغان كۈن ئىدى.


پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشتىن سۆيۈنىدىغانلار.


دۇنياغا تارقالغان ھەممە خەلقلەر نۇھنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.


يەر يۈزىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلار، قۇشلار ۋە دېڭىزدىكى بېلىقلار سىلەردىن قورقۇپ، سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردا بولىدۇ.


خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، كۆپىيىسەن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ ئەجدادى بولىسەن


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite