9 لېكىن يەر يۈزىنى تېخىچە سۇ قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر قونغۇدەك جاي تاپالماي قايتىپ كەلدى. نۇھ قولىنى سۇنۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كېمىگە ئەكىرىۋالدى.
ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي.
ھەي قەلبىم، قايتقىن ئەمدى ئارامگاھىڭغا، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىلتىپات ئەيلىدى ماڭا.
بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!
سىلەرگە بۇ خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا يا خاتىرجەملىك، يا پۇت تىققۇدەك يەر بولمايدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرنى غەم-قايغۇ، ئۈمىدسىزلىك ۋە مەيۈسلۈككە پاتۇرىدۇ.
بۇلۇتتەك لەيلەپ كېلىۋاتقان، كەپتەردەك ئۇۋىسىغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كىم؟
ھايات قېلىپ، تاغقا قېچىپ چىقىۋالغانلار ئازابتىن خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلدايدۇ، گۇناھلىرى سەۋەبىدىن زارلايدۇ.
ئاندىن نۇھ سۇنىڭ يەر يۈزىدىن يانغان ياكى يانمىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى قويۇپ بەردى.
يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى.