Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 8:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 پەرۋەردىگار قۇربانلىقنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى زېمىننى قارغىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمەن.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 8:21
50 Referans Kwoze  

مانا بىز قۇتقۇزۇلىدىغانلارغىمۇ، ھالاك بولىدىغانلارغىمۇ چېچىلىدىغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداغا ئاتىغان خۇش پۇرىقىدۇرمىز.


ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.


ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر. ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.


پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ شۇنچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،


مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.


چۈنكى، ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان.


سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ ئەكەلگەندە، سىلەرنى خۇددى مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقتەك قوبۇل قىلىمەن. مەن يات خەلقلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن.


چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ.


قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن. ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


بۇ دۇنيادا پەقەت ياخشى ئىشنىلا قىلىپ، بىرەر قېتىممۇ يامان ئىش قىلىپ باقمىغان بىرمۇ ئادەم يوق.


قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە مۇنداق دېدى: «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە كىرىپ، مەن ‹يېمەڭلار› دەپ ئەمر قىلغان مېۋىنى يېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، يەرمۇ قارغىشىمغا قالدى. سەن ئۆمۈرۋايەت جاپالىق ئىشلەش بىلەنلا ئوزۇقلۇققا ئىگە بولىسەن.


ئاتا-ئانىسىدىن تۆرەلگەنلەر جىسمانىي ھاياتلىققىلا ئىگە بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلگەنلەر روھىي ھاياتلىققىمۇ ئىگە بولىدۇ.


ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.


رەزىللەر ئاداشقاندۇر بالىياتقۇدىن چىققاندىلا، يالغانچىلار يولدىن ئازار ئانىسىدىن تۇغۇلۇپلا.


گۇناھكارمەن شۈبھىسىزكى تۇغۇلغىنىمدىلا، ھەتتا ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا.


بىزگە مەلۇمكى، بىز خۇداغا مەنسۇپمىز. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا شەيتاننىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر.


لېكىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا، دەپ ئۇلۇغلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلۇققا تولدى.


لېكىن ئۇلار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ‹سېنىڭ نېمە دېيىشىڭ بىلەن نېمە كارىمىز! بىز نېمە ئىش قىلغۇمىز كەلسە شۇنى قىلىمىز! قىلمىشلىرىمىز ۋە جاھىللىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىمىز!›».


كىم قەلبىم پاكلاندى، گۇناھتىن تازىلاندىم دېيەلەر؟


ناپاك ئادەمنى كىم تازىلىيالايدۇ؟ ھېچكىم!


روھانىي قۇشنى ئىككى قانىتىدىن تۇتۇپ ئىككىگە بۆلسۇن، لېكىن ئۈزۈۋەتمىسۇن. ئاندىن قۇشنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


ئاندىن سەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى قىلغىن.


ئاندىن ئۇلارنى كۆيدۈرگىن. مانا بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


مەن يەر يۈزىنى توپانغا غەرق قىلىپ، پۈتۈن جانلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات نابۇت بولىدۇ.


مەن دىققەت قىلىپ، ئاڭلىدىم. ئۇلار ھەققانىي ئىشلارنى سۆزلىمەيدۇ. ھېچكىم: ‹مەن نېمە قىلدىم؟› دەپ رەزىل قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ باقمايدۇ. خۇددى جەڭ ئاتلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا چاپقاندەك، ھەربىرى ئۆز يوللىرىدا چېپىپ يۈرۈۋېرىدۇ.


قارا، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا يېزىقلىق تۇرىدۇ، مەن جىم تۇرماسلىقىم، چوقۇم جازالىشىم كېرەك، مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.


سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلمەيسىلەر، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان. سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلار ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان. مەن سىلەرنىڭ ئىنتايىن مەككارلىقىڭلارنى بىلىمەن، سىلەر بۇرۇندىن باشلاپلا ماڭا قارشى چىقتىڭلار.


سەن ياشلىقىڭدىن تارتىپ باردى-كەلدى قىلىپ كەلگەن بۇ مۇنەججىملىرىڭ ئەمدى ساڭا ياردەم قىلالمايدۇ. ئۇلار ھەممىسى ئۆز يوللىرىغا كېتىدۇ، سېنى قۇتقۇزىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ.»


قېنى، بالىلىقىڭدىن تارتىپ ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن سېھىر، ئەپسۇنلىرىڭنى ئىشقا سالغىنچۇ، بەلكىم ئۇنىڭ ساڭا ئازراق ياردىمى تېگىپ قالار، بەلكىم دۈشمەنلىرىڭنى قورقۇتالارسەن؟


شەھەرلىرىڭلارنى خارابىلىككە، ئىبادەتگاھىڭلارنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن. سىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىق ھەدىيەڭلارنى قوبۇل قىلمايمەن.


ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ [ئىبرانىي تىلىدىكى «يەڭگىللىتىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. ئۇ: «يەر پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، بىز جاپالىق ئىشلارغا مۇپتىلا بولغانىدۇق، ئەمدى بۇ بالا بىزنىڭ ئېغىرىمىزنى يەڭگىللەتكەي» دېدى.


سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى.


ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا: _ مەن ئۆزۈم ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: _ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنى دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن!


قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش ئۆچكىنىڭ مايلىرىنىمۇ چىقىرىۋالسۇن. روھانىي ھەممە ماينى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈردى. بۇ ئۇلارنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش قۇربانلىقى بولۇپ، بۇ پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولدى.


ماڭا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەر سۇنغاندا، مەيلى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن، قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ياكى ھېيتلىرىڭلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىق بولسۇن، كالا ياكى قوي-ئۆچكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە قۇربانلىق قىلىڭلار.


پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى.


زەھەرخەندىدۇر ئۇلار زەھەرلىك يىلان كەبى، جاھىللىقى ئۇلارنىڭ نەي ئاۋازىنى ئاڭلىمايدىغان كوبرا بەئەينى، يىلان ئويناتقۇچىنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ئاڭلىماس ئۇلار قەتئىي.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite