Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 8:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ھالال ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 8:20
27 Referans Kwoze  

شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.


ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن جايغا كەلگەندە، ئىبراھىم قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇنلارنى دۆۋىلەپ، ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە ياتقۇزدى.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر.


بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانلىق سۇپىمىز باركى، بىز ئۇنىڭدىكى گۇناھلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز. ئەينى چاغدا ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغان روھانىيلار بولسا گۇناھلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقلاردىن بەھرىمەن بولالمايتتى.


مۇسا جاۋابەن: _ ياق، سىز بىزنىڭ قۇربانلىق ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشىمىز ئۈچۈن ماللىرىمىزنى ئېلىپ بېرىشىمىزغا ئىجازەت بېرىڭ.


ياقۇپ ئۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇ يەرنى ئەل-بەيتەل [مەنىسى «بەيتەلدىكى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى ئۇ ئاكىسىدىن قېچىپ ھارانغا ماڭغاندا، خۇدا ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنگەنىدى.


خۇدا ياقۇپقا: _ سەن ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا، بەيتەل شەھىرىدە ساڭا زاھىر بولغان خۇدا مەن بولىمەن. سەن ئەمدى بەيتەلگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاش ۋە مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسا، _ دېدى.


ئۇ بۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭغا ئەل-ئەلوھىي-ئىسرائىل [مەنىسى «ئىسرائىل ئىبادەت قىلغان خۇدا»] دەپ نام قويدى.


ئىسھاق ئۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسھاق ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى ھەمدە ئۇنىڭ چاكارلىرى ئۇ يەردىمۇ بىر قۇدۇق قازدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىبرام چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ھىبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇپ دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى.


قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان يەرگە قايتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.


مەن «ھالال» دەپ بېكىتكەن ھايۋاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، «ھارام»لىرىنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن.


ھابىلمۇ پادىلىرى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان پاقلانلىرىدىن سويۇپ، مايلىق يېرىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. پەرۋەردىگار ھابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولدى.


خۇدا ئۇنىڭغا: _ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بارغىن. مەن ئۇ يەردە ساڭا بىر تاغنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ تاغنىڭ ئۈستىدە ئوغلۇڭنى ماڭا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، _ دېدى.


يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار، يەنى چوڭ-كىچىك ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار ئۆز تۈرلىرى بىلەن توپ-توپ بولۇشۇپ كېمىدىن چىقىشتى.


ھەر قېتىملىق زىياپەتتىن كېيىن ئايۇپ پەرزەنتلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنى پاكلىنىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ھەر بىر ئوغلى ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى. چۈنكى ئۇ: «پەرزەنتلىرىم كۆڭۈللىرىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ دائىم شۇنداق قىلاتتى.


ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىنمۇ يەتتە جۈپتىن ئېلىۋالغىن. شۇنداق بولغاندا، توپان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەر خىل ھايۋانات، قۇشلار ھايات قېلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى قايتا كۆپىيەلەيدۇ.


ئاندىن ئۇلارنى كۆيدۈرگىن. مانا بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


ئاندىن سەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى قىلغىن.


كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite