17 كېمىدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچار قاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ئېلىپ چىققىن. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، _ دېدى.
خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچار قاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى.
بەرىكەت بەرگەچ ئۇلارغا پەرۋەردىگار، زور كۆلەمدە سانى ئاۋۇپ ئۇلارنىڭ، زىيادە بولار ئۇلاردا مال-ۋارانلار.
خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنياغا تارالسۇن.
خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى پۈتۈن جانلىقلارنى باشقۇرۇڭلار.
سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنيانى قاپلىسۇن.
شۇنىڭ بىلەن نۇھ ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ، كېمىدىن چىقتى.