12 يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. بۇ قېتىم كەپتەر قايتىپ كەلمىدى.
پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.
پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى! مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز. ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.»
يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى.
مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى رەت قىلغان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن، مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم.
تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.
چۈنكى بۇ ۋەھىي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە بولۇپ، ھەرگىز يالغان چىقمايدۇ. گەرچە ئاستا كېلىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، سەۋر قىلىپ كۈتكىن. ئۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ھەرگىز كېچىكمەيدۇ.
كەچقۇرۇن ھېلىقى كەپتەر تۇمشۇقىدا يېڭى زەيتۇن يوپۇرمىقىنى چىشلىگەن ھالدا قايتىپ كەلدى. نۇھ بۇنىڭدىن سۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئاساسىي جەھەتتىن يانغانلىقىنى بىلدى.
ئەي موئاب خەلقى، شەھەرلىرىڭلارنى تاشلاپ، تىك يارلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ياشاڭلار. ئۆڭكۈر ئېغىزىغا ئۇۋا سالىدىغان كەپتەرلەردەك تۇرۇڭلار.