Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 8:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 لېكىن خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق جانلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 8:1
35 Referans Kwoze  

كېيىن خۇدا راھىلەگە مەرھەمەت قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى پەرزەنت كۆرۈشكە قادىر قىلدى.


بىراق خۇدا لۇت ياشىغان شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغاندا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغانىدى.


خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.


پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ خار بولغان چېغىمىزدا بىزنى ئەسلىگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


ئەتىسى ئەلقانانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغاندىن كېيىن، راماھتىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتى. ئەلقانا ئايالى ھاننا بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى ۋە پەرۋەردىگار ھاننانىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى.


مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلدى.


ئى پەرۋەردىگار، ئالغايسەن مېنى ئېسىڭگە، ھىممىتىڭنى كۆرسەتكىنىڭدە ئۆز خەلقىڭگە. خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن نىجاتلىقىڭ كەلگەندە.


پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار پەخىرلىنىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچتى: «مەن ئۇلار قىلغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.


ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى كىشىلەر بىلسۇن. غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن.


ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»


پەرۋەردىگار ئەسكە ئالغايسەن داۋۇتنى، ئۇنىڭ تارتقان جەبىر-زۇلۇم، جاپالىرىنى.


مەن يەنە خەلقنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوتۇن ئېلىپ كېلىشىنى ۋە تۇنجى ئالغان ھوسۇللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇم. «ئى خۇدايىم، مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا مېھرىبانلىق قىلغايسەن!»


ئاندىن مەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، لاۋىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكلاپ دەرۋازىلارغا قاراۋۇللۇق قىلىشىنى بۇيرۇدۇم. «ئى خۇدايىم، دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، يۈكسەك ۋە مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن!


«ئى خۇدايىم، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. چۈنكى ئۇلار روھانىيلىق نامىنى بۇلغىدى ۋە سېنىڭ روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭگە خىلاپلىق قىلدى.»


«ئى خۇدايىم، بۇ ياخشى ئىشلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن ھەمدە ئىبادەتخانا ئۈچۈن ۋە ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن قىلغان سادىق خىزمىتىمنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن!»


چۈنكى، پەلەككە يەتتى ئۇنىڭ قاتمۇقات گۇناھلىرى، خۇدانىڭ يادىغا يەتتى ئۇنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى.


كاتتا شەھەر بابىل ئۈچكە بۆلۈندى. ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى. شۇ كاتتا شەھەر بابىلدىن ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى.


شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ياغدۇرار، چېقىمچىلىق بولسا غەزەپنى چىرايىغا چىقارار.


ئى خۇدا، مېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا يوشۇرۇپ قويساڭ، غەزىپىڭ بېسىلغۇچە مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ، مەن ئۈچۈن بىر ۋاقىت بەلگىلەپ، كېيىن مېنى ئېسىڭگە ئالساڭ!


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلئامغا مۇنداق دېدى: _ نېمىشقا سەن ئېشىكىڭنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ؟ مەن ئالايىتەن سېنى توسقىلى كەلدىم، چۈنكى سېنىڭ يولۇڭ گۇناھ يولىدۇر.


مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان 120 مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى.


ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىيلىقىڭ ئوخشار بۈيۈك تاغلارغا، ھۆكۈملىرىڭ دېڭىز-ئوكيان چوڭقۇرلۇقىغا، غەمخورلۇق قىلىسەن ئىنسان ھەم ھايۋانغا.


بىراق سەن بوران بىلەن غەرق قىلدىڭ ئۇلارنى دېڭىزغا. ئۇلار گويا قوغۇشۇندەك چۆكتى سۇنىڭ تېگىگە.


سىلەر زېمىنىڭلارغا باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، بۇ ئىككى كاناي بىلەن چاقىرىق قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قوغداپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن.


ئۇ سۇ مەنبەسىنى ئېتىۋەتسە، قۇرغاقچىلىق بولار، سۇ مەنبەسىنى ئېچىۋەتسە، زېمىن سۇ ئاستىدا قالار.


توپان بالاسى بولغاندا پەرۋەردىگار ئىدى ئۆز تەختىدە، پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، ئۇ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە.


بەرھەق خۇدا مۇقەددەس ۋەدىسىنى ئۇنتۇمىدى، قۇلى بولغان ئىبراھىمنى ئەس-يادىدا ساقلىدى.


مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن.


ئۇ دېڭىزغا: «قۇرۇپ كەت» دەپ ئەمر قىلسا، دېڭىز قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇ بارلىق دەريالارنىمۇ قۇرۇتۇۋېتىدۇ. باشاننىڭ ياپيېشىل يايلاقلىرى ۋە كارمەل تېغىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلىقلار قۇرۇپ قاقشال بولىدۇ، لىۋان تاغلىرىدىكى گۈللەر توزۇيدۇ.


ھەمدە يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋاناتلار، يەنى سىلەر بىلەن بىرگە كېمىدىن چىققان ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇچار قاناتلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن.


پەرۋەردىگار بىزنى ياد ئېتەر، ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرىكەت بېرەر، ھارۇن جەمەتىگە بەرىكەت بېرەر.


بابىلنىڭ دەريالىرى ۋە قاناللىرىنىڭ سۇلىرى تارتىلىپ كېتىدۇ! ئۇلارنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. بابىل زېمىنى بۇتلارغا تولۇپ كەتكەندۇر، ئۇنىڭ خەلقى بۇلارغا چوقۇنۇپ ئەقلىدىن ئازىدۇ.


خەلقىم كۈلپەت دېڭىزىدىن ئۆتكەندە، دولقۇنلار پەسلەيدۇ. نىل دەرياسىنىڭ چوڭقۇر سۇلىرى قۇرۇيدۇ. ئاسسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنىدۇ. مىسىرلىقلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى يوقىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite