5 نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
نۇھ خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
- خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئىنىلىرىمدۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە.
كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە، قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە.
ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى.
گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىش جەريانىدا ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى.
ئۇ ئىنسان قىياپىتىدە ياشاپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، تاكى ئۆلگۈچە خۇداغا ئىتائەتمەن بولدى. ئۇ ھەتتا كرېستكە مىخلانغاندىمۇ شۇنداق قىلدى.
بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، سىلەرمۇ شۇنداق قىلساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى.
مۇسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
ئانىسى چاكارلارغا: - ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، - دېدى.
پەرۋەردىگار ئۇلارغا نېمە ئەمر قىلغان بولسا، مۇسا بىلەن ھارۇن دەل شۇنى قىلدى.
بارلىق جانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار كېمىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويدى.