4 يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدۇرىمەن ۋە ياراتقان پۈتكۈل جانلىقلارنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىمەن، _ دېدى.
يامغۇر قىرىق كۈن داۋاملاشتى. سۇ ئۇلغايغانسېرى كېمە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
يامغۇر قىرىق كېچە-كۈندۈز توختىماي ياغدى.
مەن يەر يۈزىنى توپانغا غەرق قىلىپ، پۈتۈن جانلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات نابۇت بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: _ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنى دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن!
ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا: _ مەن ئۆزۈم ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى.
ئۆچۈرۈۋەتكىن ھاياتلىقنىڭ دەپتىرىدىن ئۇلارنى، ھەم ھەققانىيلار قاتارىغا پۈتمىگىن ئۇلارنى.
غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق تون كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.
مەن ھوسۇل پەسلىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن يامغۇرنىمۇ توختىتىۋەتتىم. بىر شەھەرگە يامغۇر ياغدۇرسام، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم. بىر ئېتىزغا يامغۇر ياغدۇرۇلسا، يەنە بىر ئېتىز يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى.
ئۇ شامالغا كۈچ، سۇغا سىغىمچانلىق،
ئۇلار ئەجىلى توشماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى، ئۆمۈر يىلتىزلىرىنى سەل ئېقىتىپ كەتتى.
يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. بۇ قېتىم كەپتەر قايتىپ كەلمىدى.
يەتتە كۈندىن كېيىن يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى.
يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى.
بۇنى كۆرگەن پەرۋەردىگار: _ مېنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن روھىم ئۇلاردا مەڭگۈ ياشىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى 120 ياشتىن ئاشمايدۇ! _ دېدى.
يەر يۈزىدە ئوت-چۆپ ۋە زىرائەتلەر يوق ئىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا تېخى يامغۇر ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى.
ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىنمۇ يەتتە جۈپتىن ئېلىۋالغىن. شۇنداق بولغاندا، توپان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەر خىل ھايۋانات، قۇشلار ھايات قېلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى قايتا كۆپىيەلەيدۇ.
يەر ئاستىدىكى بۇلاقلار يېپىلدى، ئاسماندىن يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرمۇ توختىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. سەن بۇ يىل ئۆلىسەن! چۈنكى سەن كىشىلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتۈڭ».