2 مەن «ھالال» دەپ بېكىتكەن ھايۋاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، «ھارام»لىرىنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن.
سىلەر نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەس، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشنى بىلىڭلار.
نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ھالال ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.
خۇدانىڭ نۇھقا ئېيتقىنىدەك، ھەر خىل چوڭ-كىچىك «ھالال» ۋە «ھارام» ھايۋاناتلار ۋە ئۇچار قاناتلار نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىردى.
ئۇلار مېنىڭ خەلقىمگە نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئۆگەتسۇن، نېمىنىڭ پاك ياكى نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسۇن.
ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئەركەك-چىشىسىدىنمۇ يەتتە جۈپتىن ئېلىۋالغىن. شۇنداق بولغاندا، توپان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەر خىل ھايۋانات، قۇشلار ھايات قېلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى قايتا كۆپىيەلەيدۇ.