16 بارلىق جانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار كېمىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويدى.
ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق! ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنى تونۇمايمەن» دەيدۇ.
لېكىن، ئۇلار ياغ سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييارلىقى بار قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ.
خۇدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشنى ئاخىر زاماندا ئاشكارا قىلغۇچە، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق قوغدايدۇ.
ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسىمۇ زېمىن ناۋادا، تاغلار غۇلاپ چۈشسىمۇ دېڭىزلارنىڭ ئاستىغا. دولقۇنلىنىپ دېڭىزلار، ئۆركەش ياساپ تاشسىمۇ، تاشقىنىدىن دېڭىزنىڭ، تاغلار تەۋرەپ كەتسىمۇ، بىزدە قورقۇنۇش يوقتۇر ئەسلا. سېلاھ
ئەزەلدىن بار بولغان خۇدا سىلەرنىڭ باش پاناھىڭلاردۇر، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بىلىكى سىلەرنىڭ يۆلەنچۈكۈڭلاردۇر. ئۇ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ.
شۇ چاغ يولۇڭدا يۈرىسەن تىنچ-ئامان، پۇتلىشىپ كەتمەيسەن ھېچقاچان.
جۈملىدىن بارلىق جانلىقلار ئۆز جۈپلىرى بىلەن نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كېمىگە چىقتى.
يامغۇر قىرىق كۈن داۋاملاشتى. سۇ ئۇلغايغانسېرى كېمە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
ئۇ ۋەيران قىلسا، قايتا قۇرغىلى بولماس، ئۇ قاماققا ئالسا، ھېچكىم قۇتقۇزالماس.