14 ھەر خىل چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۇچار قاناتلار،
ئاندىن ئۇ سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچار قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.
خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانلىقلار، يەنى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋانلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.
سەن يەنە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر تۈرىدىن جۈپى بىلەن كېمىگە ئېلىۋالغىن.
دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى نۇھ، ئايالى، سام، ھام، يەفەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى ۋە كېلىنلىرى كېمىگە چىقتى.
جۈملىدىن بارلىق جانلىقلار ئۆز جۈپلىرى بىلەن نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كېمىگە چىقتى.