Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 7:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 نۇھ 600 ياشقا كىرگەن يىلى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى يەر ئاستىدىكى ھەممە بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقتى، يامغۇر ئاسماندىن چېلەكلەپ سۇ قويغاندەك قاتتىق ياغدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 7:11
27 Referans Kwoze  

يەر ئاستىدىكى بۇلاقلار يېپىلدى، ئاسماندىن يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرمۇ توختىدى.


سىلەر ئەمدى ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەتخانا ئامبىرىغا ئەكېلىڭلار. ئىبادەتخانامدا يېتەرلىك ئاشلىق بولسۇن. بۇ ئىشتا مېنى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، سىلەرگە مول بەخت-سائادەت ياغدۇرغانلىقىمنى كۆرىسىلەر.


ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: سىلەر نېمە ئۈچۈن مەندىن قورقمايسىلەر؟ مېنىڭ ئالدىمدا نېمىشقا تىترىمەيسىلەر؟ مەن دېڭىزغا پاسىل قىلىپ قۇملۇق ساھىلىنى بەرپا قىلدىم، دېڭىز-ئوكيانلار بۇ پاسىلدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ. دېڭىز دولقۇنلىشى مۇمكىن، لېكىن سۇلار ھەرگىز تېشىپ كېتەلمەيدۇ، شاۋقۇن چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرگىز پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.


ھېلىقى سەركەردە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: «پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا: «قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇنى يېيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ» دېگەنىدى.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر، مەن سېنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن ۋە چوڭقۇر دېڭىز سۈيىگە غەرق قىلىمەن.


چەك-چېگرا بېكىتتى ئۇ ئوكيانلارغا، ساقلىغاندۇر ئۇ سۇلارنى ئامبارلىرىدا.


لېكىن پادىشاھنىڭ سەركەردىسى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: _ پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، _ دېدى. ئېلىشا: _ قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇلارنى يىيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پاسىل پەيدا قىلىپ، سۇلارنى ئاستى- ئۈستىگە ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.


نۇھ توپان كېلىشتىن ئىلگىرى كېمىگە ئولتۇرغان كۈنگىچە، شۇ زاماننىڭ كىشىلىرى بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ كەلگەنىدى.


يەر-زېمىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، يەر تامامەن يېرىلىپ كېتىدۇ، زېمىن قاتتىق سىلكىنىدۇ.


بۇلاق كۆزىنى ئېچىپ يەردىن ھاسىل قىلغانتىڭ ئېرىقلارنى، قۇرۇتقانتىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى.


مەن يەر يۈزىنى توپانغا غەرق قىلىپ، پۈتۈن جانلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات نابۇت بولىدۇ.


ئادەملەر ئادەمزاتسىز يىراق جايلاردا، ئادەم ئاياغ باسمىغان جايلاردا كانلار ئېچىپ، چوڭقۇرلۇقلاردا ئارقانلارغا ئېسىلىپ، پۇلاڭلىشىدۇ.


كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.


خۇدا سۇ بىلەن، يەنى كەلكۈن سۈيى بىلەن نۇھ پەيغەمبەر ياشىغان دۇنيانى غەرق قىلغانىدى.


يەر يۈزىنى توپان باسقاندا، نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى.


ئۇ سۇ مەنبەسىنى ئېتىۋەتسە، قۇرغاقچىلىق بولار، سۇ مەنبەسىنى ئېچىۋەتسە، زېمىن سۇ ئاستىدا قالار.


ئەي ئايۇپ، سەن دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى بۇلاقلارغا بېرىپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر تېگىگە يېتىپ باققانمۇ؟


پەرۋەردىگارنىڭ دانالىقى بىلەن چوڭقۇر قايناملار ئېتىلدى، بۇلۇتلار شەبنەم پۈركىدى.


ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ، ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ. ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ، زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ.


2-ئاينىڭ 27-كۈنى يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى.


بۇلۇتلارنى ساناشقا كىمنىڭ ئەقلى يېتىدۇ؟ توپىلارنى قاتتىق يەرگە ئايلاندۇرۇش، داڭگاللارنى بىر-بىرىگە يېپىشتۇرۇش ئۈچۈن كىم پەلەكنىڭ كۈپلىرىنى ئاغدۇرۇپ، يامغۇر ياغدۇرالايدۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite