Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 6:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 كېمىنىڭ ئۈستى لەمپە شەكىللىك بولسۇن، لەمپىنىڭ يان تەرەپلىرىدە 50 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە پەنجىرىلەر بولسۇن. كېمىنى ئۈچ قەۋەت قىلىپ ياسىغىن، ئىشىكى يان تەرەپتە بولسۇن.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 6:16
9 Referans Kwoze  

تاملىرى يەردىن پەنجىرىلىرىگىچە بولغان ئارىلىقى تاختاي بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا گىرۋەك چىقىرىلغانىدى، پەنجىرىلەرنى ئېچىپ ياپقىلى بولاتتى.


يەنە 40 كۈندىن كېيىن نۇھ پەنجىرىنى ئېچىپ،


بارلىق جانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار كېمىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويدى.


ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق! ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنى تونۇمايمەن» دەيدۇ.


بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدى تەرىپى تاشقىرىقى ھويلىدىكى تاش ياتقۇزۇلغان يولغا قارايتتى. ئىمارەتنىڭ كەينى تەرىپى ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى كەڭلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان بوش يەرگە قارايتتى. بۇ ئىمارەت ئۈچ قەۋەت سېلىنغانىدى.


يېھۇ يىزرىئەلگە كەلدى. ئىزەبەل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چېچىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇردى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن پادىشاھ داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەكرەپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.


كېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر بولسۇن.


مەن يەر يۈزىنى توپانغا غەرق قىلىپ، پۈتۈن جانلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، يەر يۈزىدىكى ھەممە مەۋجۇدات نابۇت بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite