Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 6:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: _ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنى دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن!

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 6:13
19 Referans Kwoze  

دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا، سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار.


ئۇ: _ ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟ — دەپ سورىدى. مەن: _ بىر سېۋەت پىشقان مېۋە، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئىسرائىل خەلقىمنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.


خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە قۇشلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى.


«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرغان چاغلاردا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەر يۈزىدە «نىفىللار» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە دىۋىگە ئوخشايدىغان ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.


ئەي بابىل، سەن نۇرغۇن دەريالارنىڭ بويىدا مول بايلىقلار ئىچىدە ياشىغانىدىڭ. ئەمدى سەن تۈگەشتىڭ، ھاياتىڭنىڭ يىپى ئۈزۈلدى!


شىمون بىلەن لاۋىي بىرلەشتى، قىلىچلىرى رەھىمسىزلىك قىلدى.


سەن ياخشى ياغاچتىن ئۆزۈڭگە بىر كېمە ياسا، كېمىدە ئۆيلەر بولسۇن. كېمىگە سۇ كىرمەسلىكى ئۈچۈن كېمىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا قارا موم سۈركىگىن.


يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدۇرىمەن ۋە ياراتقان پۈتكۈل جانلىقلارنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىمەن، _ دېدى.


نەتىجىدە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان پۈتكۈل جانلىقلار، يەنى قۇشلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار پۈتۈنلەي ھالاك بولدى.


پەرۋەردىگار قۇربانلىقنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى زېمىننى قارغىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمەن.


ئەي خەلقلەر، يېقىنراق كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئادەملەر، دىققەت قىلىڭلار! زېمىن ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل خەلق ئاڭلىسۇن. پۈتكۈل جاھان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ھاياتلىق ئاڭلىسۇن.


دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite