9 ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىگەن لەشكەرلەرمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چوڭ بىر قوشۇنغا ئايلانغانىدى.
بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھازا تۇتۇشتى.
ئېھ ئامرىقىم، ئوخشايسەن پىرئەۋننىڭ جەڭ ئاتلىرى ئارىسىدىكى بايتالغا.
سىلەرگە مىسىرنىڭ لەشكەرلىرى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنىمۇ مەغلۇپ قىلالمايسىلەر!
دېڭىز سۈيى ئەسلىگە قايتىپ، ئىسرائىللارنى قوغلىغان پۈتۈن جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ۋە پۈتۈن مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي غەرق قىلىۋەتتى.
مەن مىسىرلىقلارنى جاھىللاشتۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ ئارقىڭلاردىن قوغلايدۇ. مەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ھەمدە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمەن. شۇندىلا ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
ئۇ مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى باشلاپ ماڭدى. بۇ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تاللانغان ئالتە يۈز جەڭ ھارۋىسىمۇ بار ئىدى. ھەربىر جەڭ ھارۋىسىدا بىردىن لەشكەر بېشى بار ئىدى.
يۈسۈپ ۋەزىرلىك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا باردى. يۈسۈپ ئاتىسىنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇنى قۇچاقلاپ، ئۇزۇنغىچە يىغلىدى.
ئۇ يەنە يۈسۈپنى ئوردىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزدى. ھارۋىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقان مۇھاپىزەتچىلەر يول بويىدىكى كىشىلەرنى ئۇنىڭغا تەزىم قىلىشقا بۇيرۇيدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلدى.
يۈسۈپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ بىرگە باردى. پەقەت يۈسۈپنىڭ كىچىك بالىلىرى ۋە چارۋا ماللىرىلا گوشەندە قالدى.
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى.