Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 50:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 بۇنى كۆرگەن كەنئانلىقلار: «مىسىرلىقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى نېمىدېگەن داغدۇغىلىق» دېيىشتى. شۇڭا بۇ يەرگە ئابېل-مىزرائىم [مەنىسى «مىسىرلىقلارنىڭ ھازا تۇتۇشى»] دەپ نام قويۇلدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 50:11
10 Referans Kwoze  

ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئوغلۇمنى ھەرگىز يۇرتۇمغا ئاپارما!


ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىگە تەۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى. بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ھېلىقى چوڭ قورام تاش شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولۇپ، ئۆز ئورنىدا تۇرماقتا.


بۇ ئىككى تاغ ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە، يەنى كۈن پېتىش تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىئوردان ۋادىسىدىكى كەنئانلىقلارنىڭ يېرىدىكى گىلگالنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ. مورەھ دېگەن جايدىكى چوڭ دەرەخلەر بۇ ئىككى تاغقا يېقىندۇر.


پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، شەرق، جەنۇب، غەرب ۋە شىمال تەرەپلەرگە نەزەر سالساڭ بولىدۇ، لېكىن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتسەڭ بولمايدۇ.


ئۆتۈنەي، مېنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇ تەرەپتىكى گۈزەل زېمىننى، ئاشۇ گۈزەل تاغلىق يەرلەرنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلغايسەن.»


ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى.


ياقۇپ شىمون بىلەن لاۋىيغا: _ سىلەر مېنى بالاغا تىقتىڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ، كەنئانلىقلار، پەرىززىلەر ۋە بۇ يەردىكى باشقا ئەللەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادەم سانىمىز ئاز، ئەگەر ئۇلار بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلسا، پۈتۈن ئائىلىمىز ھالاك بولىدۇ، _ دېدى.


ئۇلارنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقىشقا باشلىدى. (بۇ چاغدا كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەر يەنىلا شۇ يەرلەردە ياشايتتى.)


شۇنداق قىلىپ، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite