10 ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى.
بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھازا تۇتۇشتى.
ئۇلار ئايۇپ بىلەن بىرلىكتە يەتتە كېچە-كۈندۈز يەردە ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى. چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ ناھايىتى ئازابلىق ئىكەنلىكىنى كۆرگەنىدى.
داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان ئۈچۈن «يا» مەرسىيەسى دەپ ئاتالغان تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇدى. ئۇ: «بۇ مەرسىيە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە ئۆگىتىلسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. (بۇ مەرسىيە «ياشۇر» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەندۇر.)
ئاندىن ئۇلار سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ، يابېشتىكى چوڭ بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.
ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىدە مۇساغا ئاتاپ ئوتتۇز كۈن قارىلىق تۇتتى. مۇساغا ئاتالغان ھازا كۈنلىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى.
تۆۋەندىكىلەر مۇسانىڭ پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەينى چاغدا ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى چۆلدە بولۇپ، بۇ يەر سۇفنىڭ قارشىسىدىكى پاران، توفەل، لابان، خازېروت ۋە دىزاھاب شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.
مەيلى كىم بولسۇن جەسەتكە تەگكەن بولسا يەتتە كۈنگىچە ناپاكتۇر.
بۇنى كۆرگەن كەنئانلىقلار: «مىسىرلىقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى نېمىدېگەن داغدۇغىلىق» دېيىشتى. شۇڭا بۇ يەرگە ئابېل-مىزرائىم [مەنىسى «مىسىرلىقلارنىڭ ھازا تۇتۇشى»] دەپ نام قويۇلدى.
قارىلىق تۇتۇش مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن، يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىغا: _ ئېغىر كۆرمىسەڭلار، پىرئەۋنگە مۇنداق دەڭلار:
ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى ئاتىسى ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. قارىلىق كۈنىنى تۈگىتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى.
ئۇلار بۇ ئىش ئۈچۈن قىرىق كۈن سەرپ قىلدى، چۈنكى جەسەتنى مۇمىيالاش ئۈچۈن قىرىق كۈن ۋاقىت كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى.
ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدىگەن لەشكەرلەرمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چوڭ بىر قوشۇنغا ئايلانغانىدى.
پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھارۇننىڭ قازا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن ھازا تۇتتى.
ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھازا تۇتتى.
ئۇ چاغدا ئېگىزدىن قورقىسەن، يول ماڭساڭ ئالاقزادە بولىسەن، چاچلىرىڭ بادام چېچىكىدەك ئاقىرىدۇ، كۈچۈڭ خوراپ، ھەۋەسلىرىڭ يوقىلىدۇ. ئۇ چاغدا مەڭگۈلۈك ماكانىڭغا قايتىسەن، ھازا تۇتقانلار كوچىدا ئارقاڭدىن كېلىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى يابېشقا ئاپىرىپ، ئاندىن سۆڭەكلىرىنى يابېشتىكى چوڭ دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى.