1 يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ مېيىتىگە ئۆزىنى تاشلاپ، ھەسرەت بىلەن يىغلىدى ۋە يۈزىنى سۆيدى.
مەن ساڭا مىسىردا يار بولىمەن ۋە كېيىن ئەۋلادلىرىڭنى بۇ زېمىنغا چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمەن. سەن ئالەمدىن ئۆتكەندە، يۈسۈپ يېنىڭدا بولىدۇ، _ دېدى.
قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەردەك ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بىز، ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتتىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى خالايمىز.
ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار.
بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھازا تۇتۇشتى.
ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۇنى يوقلاپ كېلىپ: _ ئاتا، ئاتا، ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلىغۇ! _ دەپ يىغلاپ كەتتى.
ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى.
ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ سۆزلەرنى تاپىلىغاندىن كېيىن، يېتىپلا نەپىسى توختاپ، ئالەمدىن ئۆتتى.
كېيىن يۈسۈپ قول ئاستىدىكى تېۋىپلىرىغا ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى موملاشنى بۇيرۇدى. ئۇلار ياقۇپنىڭ جەسىتىنى مۇمىيالاشتى.