6 سېت 105 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەنوش قويدى.
سېتتىن بىر ئوغۇل تۆرەلدى، ئىسمىنى ئەنوش قويدى. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى.
قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش شىتنىڭ ئوغلى، شىت ئادەم~ئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەم~ئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى.
ئۇ 930 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
كېيىن ئۇ يەنە 807 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.
ئادەمئاتا يەنە ئايالى بىلەن بىللە بولدى، ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاۋائانا: «خۇدا ماڭا قابىل ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھابىلنىڭ ئورنىغا بىر ئوغۇل بەردى» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سېت [ئىبرانىي تىلىدىكى «خۇدا بەردى» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى.