Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 5:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ [ئىبرانىي تىلىدىكى «يەڭگىللىتىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. ئۇ: «يەر پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، بىز جاپالىق ئىشلارغا مۇپتىلا بولغانىدۇق، ئەمدى بۇ بالا بىزنىڭ ئېغىرىمىزنى يەڭگىللەتكەي» دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 5:29
17 Referans Kwoze  

خۇدا قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان كىشىلەرنىمۇ ئاياپ قويمىدى. ئۇلار گۇناھقا بېرىلگەن بولغاچقا، خۇدا دۇنيانى كەلكۈن بىلەن غەرق قىلىپ، ئۇلارنى جازالىدى. خۇدا پەقەت شۇ زاماندىكى كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا مېڭىشقا دەۋەت قىلغان نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يەتتە كىشىنى ساقلاپ قالدى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.


نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى، بالا-چاقىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالمايتتى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەققانىيلىقى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى.


خۇددى نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدە توپان بالاسىنىڭ يەر-زېمىننى قايتا غەرق قىلمايدىغانلىقىغا قەسەم قىلغىنىمدەك، ساڭىمۇ ھېچقاچان غەزىپىمنى ياغدۇرمايمەن، سېنى جازالىمايدىغانلىقىمغا قەسەم قىلىمەن،


نۇھ ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلى ھامنىڭ قىلغانلىرىنى بىلىپ،


سولاپ قويۇلغان بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا نۇھ پەيغەمبەر كېمە ياساۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ توۋا قىلىشىنى كۈتسىمۇ، خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان كىشىلەرنىڭ روھلىرىدۇر. نۇھ پەيغەمبەر ياسىغان كېمىدە پەقەت بىرقانچە كىشىلا، يەنى جەمئىي سەككىز كىشى بولۇپ، ئۇلار سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى.


شالاھ قېناننىڭ ئوغلى، قېنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد سامنىڭ ئوغلى، سام نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لامىكنىڭ ئوغلى،


خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە قۇشلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى.


چۈنكى، پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۆزى ھەققىدىكى كۆزلىگەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. بۇ، مەۋجۇداتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى ياراتقان خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان. شۇنداق بولسىمۇ، يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇداتتا چىرىپ تۈگەشتىن قۇتۇلۇپ، خۇدا پەرزەنتلىرىگە بېرىدىغان شەرەپلىك ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدى بار ئىدى.


لەمەك 182 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ،


نۇھ تۇغۇلغاندىن كېيىن، لەمەك يەنە 595 يىل ياشاپ، باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite