Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 5:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 ئۇ ھاياتىنى خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈنى كۆزدىن غايىب بولدى. چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 5:24
19 Referans Kwoze  

شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


كېيىن ئۇ يەنە 300 يىل ياشاپ، خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى ۋە باشقا ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.


- بىلىپ قويكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


ئۇلار پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى، بىردىنلا ئوت يالقۇنلاپ تۇرغان ئاتلار قېتىلغان ھارۋا پەيدا بولۇپ، ئىككىيلەننى ئايرىۋەتتى. ئىلياس قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.


ياقۇپ ئۇلارغا: _ سىلەر بىر-بىرلەپ مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن جۇدا قىلماقچىمۇسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ يوق بولدى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟ _ دېدى.


قېرىنداشلىرى تۇرغان يەرگە بېرىپ: _ يۈسۈپ يوق تۇرىدۇ! ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ _ دېدى.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «راماھ شەھىرىدىن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تەسەللى كار قىلمىدى، چۈنكى ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.»


پەرۋەردىگار ئىلياسنى قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئىلياس بىلەن ئېلىشا ئىككىسى گىلگالدىن يولغا چىققانىدى.


«رامادا ئاڭلاندى يىغا-زار ۋە پەرياد، قان يىغلايدۇ پەرزەنتلىرىگە راھىلە، تەسەللىگە قايىل ئەمەس پەقەتلا، چۈنكى قالمىدى پەرزەنتلىرى ھايات.»


ئادەم~ئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانۇخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئالدىن ئېيتقان: «قاراڭلار، رەببىمىز تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەس پەرىشتىلىرى بىلەن كەلمەكتە.


ئۇ يەر يۈزىدە جەمئىي 365 يىل ياشىدى.


مىتۇشەلاخ 187 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمىنى لەمەك قويدى.


نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ياشىغانىدى.


ئۇ: «مەن خىزمىتىدە بولۇپ كەلگەن پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ پەرىشتىسىنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئىشىڭنى ئوڭ قىلىدۇ. سەن ئوغلۇمغا يۇرتۇمدىكى تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن خوتۇن ئېلىپ بەر.


ئىلياس: _ تىلىگىنىڭ قىيىن بىر ئىش. ئەگەر يېنىڭدىن ئېلىپ كېتىلگىنىمنى كۆرسەڭ، تىلىگىنىڭ ساڭا نېسىپ بولىدۇ. كۆرمىسەڭ، نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى.


لېكىن خۇدا ئۆز يېنىغا تارتار مېنى، گۆر ئازابىدىن خالاس قىلىپ جېنىمنى. سېلاھ


بىلىمەن، نەسىھەتىڭ مېنى يېتەكلەر، ئاخىرى شان-شەرەپمۇ قولۇمغا كېلەر.


ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ: _ ئاتا، ئاتا! ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلىغۇ! _ دەپ توۋلىدى ۋە ئۇنى قايتا كۆرەلمىدى. ئاندىن ئېلىشا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىككى پارچە قىلىۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite