1 تۆۋەندىكىلەر ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: خۇدا ئىنساننى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى.
يېڭى تەبىئەتنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. بۇ يېڭى تەبىئەت خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ماس بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ھەققىقىي پاكلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.
يېڭى تەبىئەتكە ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يېڭىلىنىۋاتقىنىڭلاردا، خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ.
ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.
مېنىڭ بىردىنبىر بايقىغىنىم شۇ بولدىكى، ئەسلىدە خۇدا ئادەمنى دۇرۇس قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەر ھەر خىل رەزىل يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدىكەن.»
يەر-يۈزىدىكى ئاتىمىزنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەرشتىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلىپ، ياشىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟
بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز رەببىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىمىز. بۇ رەببىمىزدىن، يەنى مۇقەددەس روھتىندۇر.
ئەرلەر بولسا ئىبادەتكە قاتناشقاندا، بېشىغا بىرنەرسە ئارتماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئەر خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان بولۇپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئايال بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادلىرى: ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، داۋۇت پادىشاھ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى.
ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت، «كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە.
ئادەمئاتىدىن سېت تۆرەلدى، سېتنىڭ ئەۋلادلىرى: ئەنوش،
نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان سام، ھام ۋە يەفەت توپان بالاسىدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:
پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى مۇشۇنداق ياراتقانىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا،
نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ياشىغانىدى.