9 يەھۇدا دۈشمىنىگە ياش شىردەك ئېتىلىدۇ. ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىدۇ ئۇۋىسىغا. سوزۇلۇپ ياتسا ئۇۋىسىدا، كىممۇ جۈرئەت قىلار ئويغىتىشقا؟
ئۇلار سوزۇلۇپ ياتقان ئەركەك شىرغا ھەم چىشى شىرغا ئوخشايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇلارنى ئويغىتىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟ ئۇلارغا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي، ئۇلارنى قارغىغانلار قارغىشقا قالغاي.»
بۇنىڭ بىلەن، يېتەكچىلەردىن بىرى ماڭا: - يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن كەلگەن شىر - داۋۇتنىڭ نوتىسى غەلىبە قىلدى. ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، - دېدى.
بۇ خەلق ئانا شىرغا ئوخشاش ئېتىلىدىكەن، خۇددى ئەركەك شىردەك سەكرىيەلەيدىكەن، ئولجىسىنى يېمىگۈچە بولدى قىلمايدىكەن، ئولجىسىنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە ئارام ئالمايدىكەن.»
ياقۇپنىڭ ئامان قالغان ئەۋلادلىرى ئەللەر ئارىسىغا، يەنى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىغا، خۇددى ئورماندا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى شىردەك، قويلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرگەن ياش شىردەك بۆسۈپ كىرىپ، ئولجىلىرىنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايدۇ. ھېچكىم ئولجىلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.
مەن ئىسرائىلىيەگە قارشى شىردەك، يەھۇدىيەگە قارشى يىرتقۇچ شىردەك بولىمەن. ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىمەن. مەن ئۇلارنى سۆرەپ ئېلىپ كەتكەندە، ھېچكىم ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.
كۈتۈۋېرىپ ئانا شىر ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى، ئۈزدى ئۇنىڭغا باغلىغان ئۈمىدىنى. ئۇ يەنە بېقىپ بىر شىر كۈچۈكىنى، كۈچلۈك شىرغا ئايلاندۇردى ئۇنى.
ئاندىن، قىيامەت كۈنى كېلىدۇ. شۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھ يامان روھلاردىن ئىبارەت بولغان بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىپ، پادىشاھلىقىنى ئاتىمىز خۇداغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمغا قايتىشىغا توسالغۇ بولماقتا. ساداقەتسىزلىك ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىگىلىگەندۇر. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايدۇ.
مۇسا گاد قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكەن خۇدا مەدھىيەلەنسۇن! گاد ماراپ ياتقان شىرغا ئوخشايدۇ، ئولجىسىنىڭ بىلىكىنى ۋە بېشىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ.
پەلەمپەينىڭ ھەربىر پەشتىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەس ئىدى.
تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەشتاقلىق پەلەمپەي ۋە تەختنىڭ تۈۋىدە ئالتۇندىن ياسالغان پۇت قويغۇچ بار ئىدى. ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى.