3 ئەي رۇبېن، سەن تۇنجى ئوغلۇمسەن، سەن كۈچ-قۇدرىتىمسەن. قۇۋۋىتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىسەن، ئوغۇللىرىم ئىچىدە ئەڭ غۇرۇرلۇقى ۋە كۈچلۈكى سەن.
پەرۋەردىگار ئۆلتۈرۈۋەتتى مىسىردا بارلىق تۇنجى بالىلارنى، يەنى ھام چېدىرىنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇللارنى.
ئۇ ئادەم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلىغا ئىككى كىشىلىك مىراس بەرسۇن. چۈنكى تۇنجى ئوغلى ئۇ ئادەمنىڭ قىران ۋاقىتلىرىدا تاپقان بالىسى بولۇپ، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسۇن.
ئاخىرىدا ئۆلتۈردى خۇدا مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنى _ ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇللارنى.
لېياھ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار مېنىڭ بەختسىز ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپتۇ، ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى رۇبېن [مەنىسى «بالا كۆردۈم» ۋە ئىبرانىي تىلىدىكى «بەختسىزلىكىمنى كۆردى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
رۇبېن ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى ئىدى. لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ توقىلىغا بىرىگە چېقىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى بىكار قىلىنىپ، بۇ ھوقۇق ئۇنىڭ ئىنىسى يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن رۇبېن نەسەبنامىدا تۇنجى ئوغۇل دەپ خاتىرىلەنمىگەنىدى.
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى: رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن،
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن 46,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن. رۇبېننىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر خانوك، پاللۇ،
ئاتىسىغا: _ ئاتا، توغرا بولمىدى، چوڭ ئوغلۇم بۇ. ئوڭ قولىڭىزنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغايسىز! _ دېدى.
ئىسرائىل، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا بىرلىكتە كەلگەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: ياقۇپنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن
- لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى، خۇدا ياراتقان مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى مۇنداق دەيدۇ:
مۇسا رۇبېن قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «رۇبېن قەبىلىسى ياشىسۇن، يوقالمىسۇن، لېكىن ئۇنىڭ سانى ئاز بولىدۇ».
ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: رۇبېن (تۇنجى ئوغۇل)، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن.
رۇبېن، گاد، ئاشېر، زەبۇلۇن، دان ۋە نافتالى قەبىلىلىرى ئەھدىگە پۈتۈلگەن قارغىشلارغا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن ئېبال تېغىدا تۇرسۇن.
رۇبېن قەبىلىسنىڭ يېرى ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.