Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 49:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ئاتاڭ ئىبادەت قىلغان خۇدا ساڭا ياردەم قىلار، ھەممىگە قادىر خۇدا سېنى بەختلىك قىلار. ئۇ ساڭا خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ، يەردىكى بۇلاقلارنى ئاتا قىلار. چارۋا ماللىرىڭنى ھەم ئاۋۇتۇپ، ئەۋلادلىرىڭنى ھەسسىلەپ كۆپەيتەر.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 49:25
22 Referans Kwoze  

خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، كۆپىيىسەن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ ئەجدادى بولىسەن


ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ پەلەمپەينىڭ ئۈستى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۆزىگە: «مەن پەرۋەردىگار، بوۋاڭ ئىبراھىم ۋە ئاتاڭ ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن. مەن ھازىر سەن ياتقان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن.


شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدا ئۆزىنىڭ مول بايلىقى بىلەن سىلەرنىڭمۇ ھەممە ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىدۇ.


سىلەر بۇ بايلىقلارغا ئىككى قولىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ ئېرىشتۇق، دەپ ئويلىماڭلار.


بەدەننى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.


بۇ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا ئىسرائىللارغا بەخت تىلەپ قىلغان دۇئاسىدۇر.


غوجىدار ئۇلارغا: _ قورقماڭلار، قورقماڭلار! پۇللىرىڭلارنى مەن تاپشۇرۇپ ئالغانىدىم. ئۇنى تاغارلىرىڭلارغا چوقۇم خۇدا، يەنى ئاتاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېلىپ قويغان ئوخشايدۇ، _ دېدى ۋە شىموننى زىنداندىن ئېلىپ چىقتۇرۇپ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.


خۇدا ئاسماندىن ساڭا شەبنەم چۈشۈرۈپ، تۇپرىقىڭنى مۇنبەت قىلغاي. ئۇ ساڭا مول ئاشلىق، شارابلارنى ئاتا قىلغاي.


خۇداغا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە ئەرشتىكى بارلىق روھىي بەختنى ئاتا قىلدى.


پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلار، يەرلىرىمىز چوقۇم ھوسۇللۇق بولار.


يۇرتۇمغا ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ ئاپارساڭ، ساڭا مەڭگۈ ئەگىشىمەن.


شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.


بىز بۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە بارىمىز. مەن ئۇ يەردە خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسايمەن. چۈنكى مەن قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا، خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ياردەم قىلغانىدى، _ دېدى.


بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.


ئىبرام 99 ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بولغىن.


ھەممىگە قادىر خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، ئەۋلادلىرىڭنى كۆپ قىلغاي، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ چىققاي!


ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئاتام ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى يۇرتۇمغا ھەمدە تۇغقانلىرىمنىڭ يېنىغا قايتىشقا بۇيرۇغان ۋە ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلىپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ.


ياقۇپ يۈسۈپكە: _ ھەممىگە قادىر خۇدا كەنئاندىكى لۇز دېگەن يەردە ماڭا زاھىر بولۇپ، ماڭا بەخت ئاتا قىلغانىدى.


ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىئەزەر [مەنىسى «خۇدا مېنىڭ ياردەمچىم»] بولۇپ، مۇسا «ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدا ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى پىرئەۋننىڭ ئۆلتۈرۈشىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى» دەپ، شۇ ئىسىمنى قويغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite