21 نافتالى ئەركىن ئانا كېيىكتۇر، ئۇ تۇغار سۆيۈملۈك بالا كېيىكلەرنى.
مۇسا نافتالى قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي نافتالىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نائىل بولۇپ، ئۇ بەرگەن بەختكە تولدۇرۇلىسىلەر، غەرب ۋە جەنۇبتىكى زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر.»
راھىلە: «مەن ھەدەم بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئۇنى يەڭدىم» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى نافتالى [مەنىسى «كۈرىشىم»] دەپ قويدى.
لېكىن زەبۇلۇن قەبىلىسى ئۆلۈمدىن باش تارتمىدى، نافتالى قەبىلىسى جەڭ مەيدانىدا ھەم جان تىكىپ ئېلىشتى.
باراق زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىنى قەدەش شەھىرىگە چاقىرىپ، ئۇلاردىن 10 مىڭ كىشىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. دىبورامۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدى.
بىر كۈنى ئۇ نافتالىدىكى قەدەش شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا: «نافتالى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 10 مىڭ ئادەمنى يىغىپ، ئۇلارنى تابور تېغىغا باشلاپ كەل.
نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شىللېم قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى.
ئۇ كېيىكتەك سۆيۈملۈك، مارالدەك چىرايلىقتۇر، ئۇنىڭ كۆكسى سېنى قانائەتلەندۈرسۇن، مۇھەببىتىگە دائىم شەيدا بولغىن.
ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئويغاتماڭلار دالىدىكى مارال ۋە جەرەنلەرنى، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.
ھەتتا بۇغىلارمۇ دالالاردا ئوت-چۆپلەر بولمىغانلىقتىن، يېڭى تۇغۇلغان بۇغىچاقلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ.
مويسىپىتلار: _ ئەگەر سىلى بۇ كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، رازى بولغۇدەك ياخشى سۆزلەرنى قىلسىلا، ئۇلار مەڭگۈ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.