15 كۆرگەندە ئۇ دەم ئېلىش ئورنىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئۇ يەرنىڭ ھۇزۇرلۇقىنى، ئارتىپ يۈكنىڭ ئېغىرىنى مۈرىسىگە، قۇل بولۇپ، جاپالىق ئىشلەشكە مەجبۇر بولار.
ئۇلار قاتتىق دىنىي قائىدىلىرى ئارقىلىق ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. لېكىن، ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بارماقلىرىنى مىدىرلىتىشنىمۇ خالىمايدۇ.
_ ئەي ئادەم بالىسى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تىر شەھىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇرۇشنىڭ شىددەتلىكىدىن دۇبۇلغىلار لەشكەرلەرنىڭ باشلىرىنى يالىدى، ئېغىر يۈكلەر مۈرىلىرىنى يېغىر قىلدى. لېكىن ئۇلار تۆلىگەن بەدەللىرىگە لايىق تىردىن ھېچقانداق ئولجىغا ئېرىشەلمىدى.
ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى.
شۇڭا بۇ زېمىن تاكى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالەمدىن ئۆتكىچە 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.
(بۇرۇن ھىبرون شەھىرى قىريات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا ئاناقلارنىڭ ئەۋلادىدىن چىققان ئۇلۇغ قەھرىماندۇر.) شۇنىڭدىن كىيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.
ئىسساكار گويا كۈچلۈك ئېشەك بولۇپ، ئېغىلنىڭ ئىچىدە ياتار.
دانمۇ ئىسرائىل قەبىلىسىدىن بىرى بولار، ئۇ ئۆز خەلقىگە ئادىل ھۆكۈم قىلار.
تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار، ھۇرۇن ئالۋانغا تۇتۇلار.
«ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىنسانلار ياسىمىغان بۇ قىلىچ ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار ئىنساننىڭ قولى بىلەن ياسالمىغان بۇ قىلىچتىن قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى قۇل قىلىنىدۇ.