10 يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.
غايىبانە ئالامەتتە ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئەمەس، ئۇنىڭغا قارىدىم، لېكىن ئۇ يېقىنمۇ ئەمەس. دېمەك، بىر يۇلتۇز چىقار ياقۇپ نەسلىدىن، بىر سەلتەنەت ھاسىسى چىقار ئىسرائىلىيەدىن. ئۇ موئابنىڭ پېشانىسىنى ئۇرۇپ يارىدار قىلار، شېتنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىنى چېقىپ تاشلار.
بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.
«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.
گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.
پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.
رەببىمىز ئەيسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق. مۇسا پەيغەمبەر روھانىيلار ھەققىدە توختالغاندا، بۇ قەبىلە توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنىدى.
خەلقىم كۈلپەت دېڭىزىدىن ئۆتكەندە، دولقۇنلار پەسلەيدۇ. نىل دەرياسىنىڭ چوڭقۇر سۇلىرى قۇرۇيدۇ. ئاسسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنىدۇ. مىسىرلىقلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى يوقىلىدۇ.
ۋەيران بولىدۇ، ۋەيران بولىدۇ، مەن يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىمەن. لېكىن شەھەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى كەلمىگۈچە، بۇ ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ، بۇ شەھەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.»
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»
يەشايا پەيغەمبەرمۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن: «يىشاينىڭ ئەۋلادىدىن بىرى چىقىپ، باشقا مىللەتلەرگە ھاكىملىق قىلىدۇ. يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ.»
مەن يەردىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىمەن، - دېدى.
ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى ئۇلارغا باشقۇرغۇچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. مەن ئۇنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىمەن، ئۇ ماڭا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئۆزىگە تايىنىپ، ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.
- يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ ۋارقىراشتى يەھۇدىيلار. - مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستكە مىخلاتسۇن دەمسىلەر؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. ئالىي روھانىيلار: - رىم ئىمپېراتورىدىن باشقا پادىشاھىمىز يوق! - دەپ توۋلاشتى.
ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.
مانا ئەمدى، پەرۋەردىگارنىڭ جاكارلىغانلىرى پۈتۈن دۇنياغىچە يېتىپ بارىدۇ: «سىلەر ئەزىز سىئون خەلقىگە مۇنداق دەڭلار: ‹قارا، سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ كەلمەكتە، قارا، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كەلمەكتە.›
ئىسرائىلىيە خەلقى يالغانچىلىقى ۋە ھىيلىگەرلىكى بىلەن مېنى قورشىۋالدى. يەھۇدىيە خەلقىمۇ خۇداغا، يەنى ئىشەنچلىك ۋە مۇقەددەس خۇداغا ئىتائەت قىلمايدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي يېرۇسالېم، ئورنۇڭدىن تۇر، پارلا! چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سېنى يورۇتماقتا.
شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ، تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.
ئەل باشچىلىرى، ئەل سەركىلىرى كولاپ سېنى، سەلتەنەت ھاسىلىرىدا قازغانىدى.» ئاندىن ئۇلار چۆلدىن چىقىپ، ماتتاناغا باردى.
پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئالدىدا توپلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنى قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىغان قويچىدەك ئايرىيدۇ.
ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن خالايىق: «پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.
پېترۇسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، پارلاق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
مەن پۈتكۈل ئەللەرنى زىلزىلىگە سالىمەن. ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسى بۇ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئىبادەتخانىنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.
شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان 62 كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.
ئوت ئۇنىڭ شاخلىرىدىن تۇتىشىپ، مېۋىلىرىنى كۆيدۈرگەنىدى، سەلتەنەت ھاسىسى بولغۇدەك بىرەر قاۋۇل شېخىمۇ قالمىغانىدى.» بۇ بىر مەرسىيەدۇر، بۇنى مەرسىيە قىلىپ ئېيتىڭلار.
چۈنكى، ھەربىرىمىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىكى ياخشى-يامان ئەمەلىيىتىمىزگە يارىشا چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھېساب بېرىپ جاۋابقا ئېرىشىمىز.
شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇۋەتمەكچى بولدى، لېكىن يەھۇدىيلار: - بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، رىم ئىمپېراتورىنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! كىم ئۆزىنى پادىشاھ دېسە، ئۇ كىشى ئىمپېراتورغا قارشى چىققان بولىدۇ! - دەپ چۇقان سېلىشتى.
- ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە سوراڭلار، - دېدى ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا. ئۇلار: - بىزنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، - دېيىشتى.
ئۇنىڭ شاخلىرى پادىشاھنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى بولغۇدەك قاۋۇل ئىدى، باشقا ئۈزۈم تاللىرىغا قارىغاندا ئېگىز ئۆسكەنىدى. ئۇنىڭ ياپراقلىرى ناھايىتى قويۇق ئىدى ۋە ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگىلى بولاتتى.
ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېدى. («سىلوھا» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئەۋەتىلگۈچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.) ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى ۋە كۆزلىرى ئېچىلغان ھالدا قايتتى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ياقۇپ ئەۋلادلىرى ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ئۆزگەرمەستۇر. داۋۇت ئەۋلادلىرىدىن بىرىنى تاللاپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىمەن. مەن خەلقىمگە ناھايىتى مېھرىبان بولۇپ، ئۇلارنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.»
ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى ھاكىملىق قىلىپ، ئىدومنىڭ شەھەرلىرىدىكى قالغان خەلقلەرنى يوقىتىدۇ.»
مېنىڭ نامىمغا ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالىدۇ. مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن.
سېنىڭ نەسلىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سېنىڭ تەختىڭنى ئەبەدىي قىلىمەن.»
يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 8006 جەڭچى.
ئۇلار ھىبروندا قېرىنداشلىرى تەييارلاپ قويغان غىزالارنى داۋۇت بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كۈن يەپ-ئىچىشتى.
كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر، كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟
بەلكى تاللىدى يەھۇدا قوۋمىنى، يەنى ئۆزى سۆيگەن سىئون تېغىنى.
گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، يېنىمغا كېلىڭلار، ئاڭلاڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئىگە بولىسىلەر. مەن سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن، مەن داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى سىلەرگىمۇ ئاتا قىلىمەن.
سەن ئوتۇندەك كۆيدۈرۈلىسەن، قېنىڭ تۇپراقلىرىڭدا ئاقىدۇ. ھېچكىم سېنى ئەسلىمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
ئەي يېرۇسالېم، ھازىرلا قوشۇنۇڭنى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ، سېنى قورشىۋالدى. ئۇلار تاياق بىلەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىسىنىڭ يۈزىگە ئۇرىدۇ.