Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 48:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئاناڭ راھىلەنىڭ ۋەجىدىندۇر. پادداندىن قايتىپ كېلىش يولىدا، ئاناڭ راھىلە كەنئان رايونىدىكى ئەفراتاغا بارىدىغان يول بويىدا ۋاپات بولۇپ، مېنى ھەسرەتتە قالدۇردى. مەن ئۇنى شۇ يەردىلا دەپنە قىلدىم، _ دېدى. (ئەفراتا ھازىر «بەيتلەھەم» دەپ ئاتىلىدۇ.)

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 48:7
13 Referans Kwoze  

«رامادا ئاڭلاندى يىغا-زار ۋە پەرياد، قان يىغلايدۇ پەرزەنتلىرىگە راھىلە، تەسەللىگە قايىل ئەمەس پەقەتلا، چۈنكى قالمىدى پەرزەنتلىرى ھايات.»


ياقۇپ پاددان-ئاررام رايونىدىن بەيتەلگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە زاھىر بولۇپ، بەخت ئاتا قىلدى


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم، سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يەرسەن. لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتىشىدۇ.»


داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە، يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى.


بۈگۈن سەن مەندىن ئايرىلىپ، بىنيامىن زېمىنىنىڭ بىر چېتىدىكى زەلزاخ دېگەن يەرگە يېتىپ بارغاندا، راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئىككى ئادەمنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلار ساڭا: «سىز ئىزدەپ چىققان ئېشەكلەر تېپىلدى، ئاتىڭىز ئەمدى ئېشەكلەردىن ئەمەس، سىزدىن ئەنسىرەپ، ‹ئوغلۇمنى قانداق تاپارمەن؟› دەپ ئولتۇرىدۇ» دەيدۇ.


ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان راماتايىم-زوفىم شەھىرىدە بىر كىشى ياشايتتى. ئۇنىڭ ئىسمى ئەلقانا بولۇپ، ئۇ يىروخامنىڭ ئوغلى ئىدى. يىروخام ئەلىھۇنىڭ ئوغلى، ئەلىھۇ تۆھۈنىڭ ئوغلى، تۆھۈ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى.


ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۇلار پاددان-ئاررامدىكى ئارران دېگەن جايدا ياشايتتى.


دېمەك، ياقۇپ پاددان-ئاررامدىن كەنئان رايونىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلاشتى.


ياقۇپ راھىلەنىڭ قەبرىسىگە بىر تاش ئابىدە تىكلىگەن بولۇپ، بۇ تاش شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا.


باشقا پەرزەنت يۈزى كۆرسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ بولسۇن. ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئىگە بولىدىغان مىراس يېرى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ زېمىنى ئىچىدە بولسۇن.


سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، يۇرت ئاقساقاللىرى قورقۇنچ بىلەن ئۇنى قارشى ئېلىپ: _ تىنچلىق ئۈچۈن كەلدىلىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite