Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 48:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 كېيىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: _ مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشۈمگە ئاز قالدى. لېكىن خۇدا جەزمەن سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 48:21
29 Referans Kwoze  

ئۇ قېرىنداشلىرىغا: _ مەن ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدىم. خۇدا چوقۇم سىلەردىن خەۋەر ئالىدۇ ۋە سىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ، _ دېدى.


مەن ساڭا مىسىردا يار بولىمەن ۋە كېيىن ئەۋلادلىرىڭنى بۇ زېمىنغا چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمەن. سەن ئالەمدىن ئۆتكەندە، يۈسۈپ يېنىڭدا بولىدۇ، _ دېدى.


مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن قەيەرگە بارساڭ، سېنى شۇ يەردە قوغدايمەن ھەمدە سېنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن، ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمەن!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.


شۇ يەردە ياشاپ تۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.


مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-ئەۋلادى، نەسەبى ھەمدە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا بىرەر خاتىرە يوقتۇر. ئۇ خۇددى خۇدانىڭ ئوغلىدەك مەڭگۈلۈك روھانىيدۇر.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، ھاياتىمنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.


ئوندىن بىر ئۈلۈشنى يىغىدىغان لاۋىي روھانىيلار بەرىبىر ئۆلىدىغانلاردۇر. بىراق، ئىبراھىمدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشنى قوبۇل قىلغان مالكىسىدىق بولسا مۇقەددەس يازمىلاردا گۇۋاھلىق بېرىلگەندەك يەنىلا ھاياتتۇر.


ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى.


بۇ يەردىكى «سادىق خىزمەتكار» دېگەن سۆز پادىشاھ داۋۇتقا قارىتىلغان ئەمەس. چۈنكى، پادىشاھ داۋۇت ئۆزىنىڭ زامانىدا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خىزمەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ يەرگە كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەن.


«ئى ئىگەم، سۆزۈڭدە تۇرۇپسەن. ئەمدى بۇ ئالەمدىن كەتسەم، رازىمەن.


ھاياتتۇر پەرۋەردىگار! ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا، ئۇلۇغلانسۇن نىجاتكارىم بولغان خۇدا!


مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئاياندۇر.


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈندىن باشلاپ سېنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆككە كۆتۈرىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مېنىڭ مۇساغا يار بولغىنىمدەك، ساڭىمۇ يار بولغانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.


مەن ساڭا: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، قورقما ھەم بوشىشىپ قالما» دەپ بۇيرۇغان ئەمەسمىدىم! چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، مەن پەرۋەردىگارىڭ، يەنى سەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا يار بولىمەن.


سەن ھايات ۋاقتىڭدا ھېچكىم ساڭا قارشى چىقالمايدۇ. مەن مۇساغا قانداق يار بولغان بولسام، ساڭىمۇ شۇنداق يار بولىمەن. مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ھەمدە سېنى تاشلىمايمەن.


پەرۋەردىگار سېنى باشلايدۇ، ساڭا يار بولىدۇ. ئۇ سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ ھەمدە سېنى تاشلىمايدۇ. قورقما ۋە بوشىشىپ قالما!»


ياقۇپ ئۆز ئاتىسى تۇرغان كەنئان رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.


لېكىن مەن ئۇلارنى قۇل قىلغۇچى خەلقنى چوقۇم جازالايمەن. ئۇلار ئۇ ئەلدىن چىققىنىدا، نۇرغۇن بايلىقلار بىلەن چىقىدۇ.


ئىبرام ئايالى ساراھ، جىيەنى لۇت ۋە ئۆزلىرى خاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇ سىلەرنى ئۆزى سۈرگۈن قىلغان بارلىق ئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغىچە بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمەيدۇ.


ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى ئىككى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا مېھرىبان، ۋاپادار بولىدىغانلىقىڭغا ۋە مېنى مىسىرغا دەپنە قىلمايدىغانلىقىڭغا قەسەم قىل.


پىرئەۋن: _ بارسۇن، ئاتىسىغا بەرگەن قەسىمىنى ئورۇنداپ، ئاتىسى تەلەپ قىلغان جايغا دەپنە قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite