2 ياقۇپ ئوغلى يۈسۈپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ياتقان ئورنىدىن كۈچىنىڭ بارىچە كۈچەپ تۇرۇپ، ئاران ئولتۇردى.
ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.
ئەي ئوغلۇم، دانا بولساڭ، قەلبىم يايرار.
ساقسىز بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا، پەرۋەردىگار يۆلەك بولۇپ، قۇۋۋەت بېرەر ئۇنىڭغا، شىپالىق بېرەر كېسەل بولغان چاغلىرىدا.
مەن ئۇلارغا خۇدايىمنىڭ ماڭا يار بولغانلىقىنى ھەمدە پادىشاھنىڭ ماڭا دېگەنلىرىنى ئېيتتىم. ئۇلار: _ خوپ، ئەمىسە ئىشنى باشلايلى! _ دېيىشتى ۋە پۈتۈن كۈچلىرى بىلەن بۇ خەيرلىك ئىشىنى باشلاشتى.
سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇ يەرگە بېرىپ، داۋۇت بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.
سەن بۇ ئىشنى يوشۇۋاغا ھاۋالە قىلغىن، ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىگىن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، سەن نەزەر سالغان ئاشۇ زېمىننى ئىگىلەيدۇ» دېدى.
بىرمەزگىلدىن كېيىن يۈسۈپكە ئاتىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئىككى ئوغلى ماناسسە بىلەن ئەفرايىمنى ئېلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا باردى.
ياقۇپ يۈسۈپكە: _ ھەممىگە قادىر خۇدا كەنئاندىكى لۇز دېگەن يەردە ماڭا زاھىر بولۇپ، ماڭا بەخت ئاتا قىلغانىدى.