13 يۈسۈپ ئەفرايىمنى ئىسرائىلنىڭ سول يېنىغا، ماناسسەنى ئوڭ يېنىغا تۇرغۇزدى.
يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ تىزىدىن ئىككى ئوغلىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ تەزىم قىلدى.
لېكىن ئىسرائىل ئىككى قولىنى ئالماشتۇرۇپ، ئوڭ قولىنى كىچىك نەۋرىسى ئەفرايىمنىڭ بېشىغا، سول قولىنى چوڭ نەۋرىسى ماناسسەنىڭ بېشىغا قويۇپ،
يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن دەردىمنى ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ، تۇنجى ئوغلىغا ماناسسە [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئۇنتۇلدۇرغان» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى.
يۈسۈپ مىسىردا ئون دېگەن شەھەرنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسىناتتىن ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل كۆرگەنىدى.
يۈسۈپنىڭ ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر تۆۋەندىكىلەر ئىدى: