Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 48:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئىسرائىل قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، كۆزى تورلىشىپ ياخشى كۆرمەيتتى. يۈسۈپ بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئىسرائىل ئۇلارنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ،

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 48:10
13 Referans Kwoze  

ياقۇپ ئالدىغا بېرىپ ئاتىسىنى سۆيدى. ئىسھاق ياقۇپنىڭ كىيىمىدىكى پۇراقنى پۇرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىدى: «ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى خۇش پۇراق دەل پەرۋەردىگارىم بەرىكەت بەرگەن تۇپراقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن.


ئىسھاق قېرىپ كەتتى، كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، _ دېدى. _ مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.


قارا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك قىسقا ئەمەس، قۇلىقى ئاڭلىيالمىغۇدەك گاس ئەمەس.


سەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى جاھىل، قۇلاقلىرىنى پاڭ، كۆزلىرىنى كور قىل! شۇنىڭدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قۇلاقلىرى ئاڭلىماس، قەلبى چۈشەنمەس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ شىپا تاپالمايدۇ.


ئېلىشا ئۆكۈزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىلياسنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ: _ ئاتا-ئانامنى سۆيۈپ خوشلىشىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، ئاندىن سىزگە ئەگەشسەم، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا: _ بېرىشىڭ زۆرۈر بولسا، بېرىپ كەلگىن، _ دېدى.


ئەلى ئۇ چاغدا 98 ياشتا بولۇپ، كۆزلىرى كۆرمەيتتى.


بىر كۈنى كەچتە كۆزلىرى ناھايىتى خىرەلىشىپ كەتكەن ئەلى ئۆز ئورنىدا ياتاتتى.


ئاندىن ئۇ يىغلىغان پېتى ئاكىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى.


ئەتىسى تاڭ سەھەردە لابان نەۋرىلىرى ۋە قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۆيىگە قايتتى.


ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ يېنىدىكى بالىلارنى كۆرۈپ: _ بۇ بالىلار كىم؟ _ دەپ سورىدى.


يۈسۈپكە: _ ئەسلى سېنى قايتا كۆرەرمەن، دەپ ئويلىمىغانىدىم. مانا ئەمدى خۇدا ماڭا سېنىڭ ئوغۇللىرىڭنىمۇ كۆرسەتتى! _ دېدى.


مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقتىدا 120 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخى خىرەلەشمىگەن، تېنى مادارىدىن قالمىغانىدى.


ئائىلىنى بېقىۋاتقان قول ۋەپۇتلىرىڭ تىترەيدۇ، قاۋۇل تېنىڭ ئېگىلىپ، دوك بولۇپ قالىدۇ. چىشلىرىڭ چۈشۈپ چاينىيالمايدىغان، كۆزلىرىڭ ئاجىزلاپ، ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite